ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
يېڭى ئەيدىز دورىسى پۇزېلى جۇڭگودا بازارغا سېلىندى: ئەكس تەسىرى يەنىلا ئىچى سۈرۈش
ۋاقتى : 2018-08-01 17:11:26  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 2018072910172172257.jpg

 

 

 

جونسون-جونسون (Johnson & Johnson)نىڭ جۇڭگودىكى شىركىتى شىئەن جانسېن (Janssen) دورىگەرلىكى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى شۇنى جاكارلىدىكى، ئەيدىزگە قارشى يېڭى دورا پۇزېلى (دارۇناۋىر كابىتېستا تابلېتى)نىڭ جۇڭگودا رەسمىي بازارغا سېلىنىش تەستىققا ئېرىشتى. جانسېن دورىگەرلىكى شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا تۆت بىرلەشتۈرۈلگەن مۇرەككەپ رېتسىپلىق دورا ياسالمىسى ™SYMTUZAنى ياساشتا FDAنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. تۆت بىرلەشتۈرۈلگەن ياسالما 800mg دارۇناۋىر، 150mg كوبىسىستات، 200mg ئېمترىسىتابىن ۋە 10mg تېنوفوۋىر ئالافېنامىدلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى بىرلەشتۈرۈلگەن ياسالما بىلەن بىر دورا يەنى Descovy ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ، Descovy بولسا 200mg ئېمترىسىتابىن ۋە 25mg تېنوفوۋىر ئالافېنامىدتىن تەركىبلەنگەن. ناھايىتى روشەنكى، ئاقسىل پېرمىنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالما دارۇناۋىرنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش دورىسى كابىتېستا بار بولغان ئەھۋالدا، پەقەت 10mg تېنوفوۋىر ئالافېنامىد بولسىلا، كېسەل تارقىلىشنى كونترول قىلىشتىكى ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

گەرچە يەنە بىر خىل بىرىكمە يېڭى دورىنىڭ بازارغا سېلىنىشى خوشال بولۇشقا ئەرزىسىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇنداق بولغاندا HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ دورا تاللاش پۇرسىتى بولىدۇ. لېكىن ئەگەر سىز ئىلگىرى كېلىجى (ھەر بىر تال تەركىبىدە لوپىناۋىردىن 200mg ۋە رىتوناۋىردىن 50mg)دەك ئاقسىل پېرمىنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالمىلارنى ئىشلىتىپ باققان بىمار بولۇپ، شۇنداقلا يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى ئەكس تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىڭىز، مېنىڭچە بۇ يېڭى دورىنى سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بەك ياخشى خەۋەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرىلىشىۋاتقىنى يەنىلا ئەكس تەسىردۇر. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئاقسىل پېرمىنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالمىلارنىڭ ئاساسلىق ئەكس تەسىرى بولسا ئىچى سۈرۈش بولۇپ، ئاقسىل پىروتېئىنازا تىزگىنلىگۈچى دورىلار ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئاقسىل پېرمىنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالمىلاردىكى ئورتاق كەمچىلىك. ئۇزاق مۇددەت ئىچى سۈرۈش ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، قاندىكى دورا قويۇقلۇقىغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە يېتەلمەستىن، دورىغا چىداملىقنى پەيدا قىلىدۇ. كېلىجىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەكس تەسىر بولسا ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەي قىلىش، يۇقىرى ترىگلىتسېرىنلىق قان كېسىلى ۋە يۇقىرى خولېستروللۇق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىشتۇر. كۈنىگە بىر قېتىمدىن دورا ئىستىمال قىلىدىغان بىمارلارنىڭ ئىچى سۈرۈش خەۋپى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەي قىلىش قاتارلىقلار داۋالاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يۇقىرى ترىگلىتسېرىنلىق قان كېسىلى ۋە يۇقىرى خولېستروللۇق قان كېسىلى بولسا كېيىنچە كۆرۈلىدۇ. II-IV جەريانىدىكى تەجرىبىدە، تەجرىبىنى قوبۇل قىلغان %7 بىمارنى داۋالاش مەزگىلىدە ئەكس تەسىر پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن تەجرىبىدىن بالدۇر چېكىنگەن. كېلىجىنى ئىستىمال قىلىپ باققانلار بۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەڭ ئېغىر مەسىلە يەنىلا ئىچى سۈرۈش مەسىلىسىدۇر، يەنى ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورا ئاقسىل فېرمېنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالما دارۇناۋى گەرچە بىر خىل يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دورىغا چىداملىق توسۇقى بولغان، بۆرەك ۋە سۆڭەككە يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۈنۈمى بولغان تاق تابېلېتلىق دورا ياسالمىسى لاھىيىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى. لېكىن مۇشۇ خىل لاھىيىدىكى Triumeqنىڭ ئەكس تەسىرى ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەس. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى فېرمېنت تورمۇزلىغۇچى دورا Dolutegravirنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى جونسون (JNJ)نىڭ ئاقسىل پېرمىنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالمىسى Prezista (دارۇناۋى)دىنمۇ يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتىكى ئۆلچەملىك پەرۋىش قىلغۇچى دورىلارنى فېرمېنت تورمۇزلىغۇچى دورا (Isentress raltegravir) بىلەن بىرلەشتۈرگەندە داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

 

 

 

 

گەرچە Triumeqنىڭ تەركىبىدە ئاباكاۋىر بولسىمۇ، ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن تەتقىقاتلاردىن كۆرۈلىشىچە، ئاسىيالىقلار ئارىسىدا بۇ گېننىڭ مۇسبەت چىقىش نىسبىتى تۆۋەن، شۇڭا كورىيە، سىنگاپور، تەيۋەن، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا ئاباكاۋىردىن ئىلگىرى گېن تەكشۈرۈشى قىلمىغان. ئېلىمىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەردىكى بۇ گېننىڭ مۇسبەت بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، بۇ گېن سىنىقى كلىنىكىلىق جەھەتتە تېخى ئومۇملىشىپ بولمىدى، شۇڭا ھازىر ئادەتتە دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش قىلمايدۇ. بىراق، دورىنى ئىشلەتكەندىن باشلاپ ياخشى كۆزىتىش كېرەك، ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەگە ئائىت گۇمان بولسا، دەرھال دورىنى توختىتىش لازىم. ئەگەر بىماردا ئاباكاۋىرغا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى يۈز بەرگەنلا بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىشلىتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ، چۈنكى ھاياتىغا خەۋپ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

ئانالىز نەتىجىسى تەخمىنەن مۇشۇنداق بولىدۇ، گەرچە تەجرىبىنى قوبۇل قىلغان ئادەم سانى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئەكس تەسىرنىڭ پىرسەنتى ۋە ئادەتتىكى ۋاقىت جەھەتتىن ئىگەللىگەندە، ماس ئېنزىم تىزگىنلەش دورىسىدىكى بىرلا خىل تابلېت ئارقىلىق داۋالاش جەھەتتە ئاقسىل پېرمىنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالما تابلېت دورىنىڭ ئەكس تەسىرى تۆۋەنرەك بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز يەنىلا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، پەيدا بولىدىغان ئەكس تەسىر رېئاكسىيەسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

دارۇناۋىر كابىتېستا تابلېتىنى ئىستىمال قىلىشتىكى پەرھىز: دارۇناۋىر بىلەن كابىتېستانىڭ ھەممىسى CYP3A مېتابولىزملىق دورا بولۇپ، يۈكسەك دەرىجىدە CYP3Aغا تايىنىۋالىدىغان تازىلاش دورىسى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قان پىلازما قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشى ئېغىر بولغان ھاياتقا تەھدىت سالىدىغان ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك (بىر قەدەر تار بولغان داۋالاش كۆرسەتكۈچىسى) بولىدۇ ياكى بولىشى مۇمكىن. بۇ دورىلاردا ئاستېمىزول، تېرفېنادىن، مىدازولام، ترىزولام، سىساپرىد، پىپېمىدىدىن ۋە ئېرگوت ئالكالوئىد (مەسىلەن ئېرگوتامىن، قوش ھىدروگېنلىق ئېرگوتامىن، ئېرگومېترىن ۋە مېتىل ئېرگومېترىن) قاتارلىقلار بار.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg