ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
HIVدىن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا قانداق ياخشى سىياسەتلەر بار؟
ۋاقتى : 2018-07-16 17:12:26  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

دۆلەتنىڭ HIVدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن بولغان بالىلارغا نىسبەتەن قانداق كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مەدەت بېرىش سىياسەتلىرى بار؟
u=1739605505,3372625553&fm=27&gp=0.jpg


HIVدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن بولغان بارلىق بالىلار، مەيلى ئانىسىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىلا 42 كۈنلۈك ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز دورىنى ئىستېمال قىلىپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسۇشى كېرەك. بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 42 كۈن، ئالتە ئاي، 12 ئاي، 18 ئايغىچە، بۇ بالىلارنى HIVدىن يۇقۇملىنىشتىكى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە ئانتىتېلا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، زۆرۈر بولغاندا يۆتكەپ داۋالاش. HIVدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن بولغان بالىلارنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىقنى ساقلاش ۋە سەييارە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ كۈچەيتىپ، بېقىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كېسەللىكنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارغا شۇ جايدىكى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg