ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەزگىلىدىكى سۇلۇق قاپارتما ۋە ئەسۋەنى داۋالاش ئۇسۇلى
ۋاقتى : 2018-07-15 18:20:16  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەزگىلىدە، قىسمەن ئورۇننىڭ تېرىسىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇپ، قىچىشسا، يەنە ئاغرىيدىغان ئەسۋە چىقسا قانداق داۋالىتىش كېرەك؟
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەزگىلىدە، قىسمەن ئورۇننىڭ تېرىسىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇپ، قىچىشسا، يەنە ئاغرىيدىغان ئەسۋە چىقسا، ئادەتتىكى ئەسۋە ياكى سۇلۇق قاپارتما __ بەلباغسىمان قوقاق چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئوخشىمىغان ئورۇندىكى ئوخشىمىغان تۈردىكى يۇقۇملىنىشقا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئەندىزىسىنى قوللىنىش كېرەك.
(1) لەۋگە چىققان ئاددىي قوقاق: ئاسىسلوۋىر 400mg، ھەركۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئىچىلىدۇ، ياكى فامسىسلوۋىر 500mg، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىلىدۇ، بەش~ئون كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى بولىدۇ؛
(2) كۆپىيىش ئەزاسىغا چىققان ئاددىي قوقاق: ئاسىسلوۋىر 400mg، ھەركۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئىچىلىدۇ، ياكى فامسىسلوۋىر 500mg، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىلىدۇ، بەش~14 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى بولىدۇ؛
(3) ئېغىر دەرىجىدىكى شىللىق ئاددىي قوقاق: ئاسىسلوۋىر 5mg/kg، ھەر سەككىز سائەتتە بىر قېتىمدىن ئىچىلىدۇ، ۋېنادىن تېمىتىش (ئاسما ئوكۇل)، شىللىق پەردىسىنىڭ زەخملىنىشى پۈتكەندىن كېيىن ئاسىسلوۋىر 400mg، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئىچىلىدۇ، يارا ئېغىزى پۈتۈنلەي ساقايغاندىن كېيىن دورىنى توختىتىشقا بولىدۇ؛
(4) قىسمەن ئورۇننىڭ تېرىسىغا چىققان بەلباغسىمان قوقاق: فامسىسلوۋىر 500mg، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئىچىلىدۇ ياكى ۋالاسىسلوۋىر lg، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن، يەتتە~ئون كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى بولىدۇ؛
(5) ئېغىر دەرىجىدىكى تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى: ئاسىسلوۋىر 10mg/kg، ھەر سەككىز سائەتتە بىر قېتىم، ۋېنادىن تېمىتىش، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ۋالاسىسلوۋىرنى 1gدىن بېرىش، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن تاكى پۈتۈنلەي ساقايغۇچە ئىچىش.
ئەگەر كېسەللىك ئۆزگىرىش كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئېغىر ئەھۋالدا بولسا، بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى تېرىدە سۇلۇق قاپارتما بولسا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتىن سىرت يەنە كالامىن، ئاسىسلوۋىر قاتارلىق سىرتىدىن سۈركەيدىغان دورا ئىشلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇپروفېن ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىستىمال قىلىش، ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەر ئارقىلىق نېرۋا كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش لازىم.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg