ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىدىكى كىراخمالسىمان ئاقسىل ئارقىلىق ئەيدىز، ئىبولانىڭ ئالدىنى ئېلىش
ۋاقتى : 2018-07-14 16:56:00  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 نىشانلىق ئىسپىرما سۇيۇقلىقىدىكى كىراخمالسىمان ئاقسىل ئارقىلىق ئېبولا، ئەيدىز قاتارلىق ۋىروسلارنىڭ جىنسى يولدىن تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 ئىنسانلارنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى كراخمالسىمان ئىپتىدائىي تالا دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل پارچىلىرى ئېبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى روشەن ھالدا كۆپەيتىدۇ ھەمدە ۋىرۇسنى قاتتىق ناچار مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىشىدىن قوغدايدۇ، مەسىلەن ئىسسىق ۋە سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىببىي تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەپتە ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە ژۇرنىلى «PNAS»دا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا مۇشۇ بايقاشلار ئۈستىدە توختالدى.

گەرچە ئېبولا ئاساسەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ۋە باشقا تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىشتىن يۇقسىمۇ، 2014-يىلىدىكى جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى ۋىرۇس ئىككى يېرىم يىلغىچە ساقلىنىپ قالىدىكەن، شۇنداقلا بۇ جەرياندا يەنە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق بۇ ۋىرۇسلارنى تارقىتالايدىكەن. پېنسىلۋانىيە تەتقىقاتچىلار نوقۇل ھالدا ئىسپېرمىدىكى كراخمالسىمان ئاقسىلنىڭ ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش يولىنى ئۈزۈۋېتەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

مىكرو بىئولوگىيە پىروفېسسورى دوكتۇر Paul Betes مۇنداق دېگەن: «ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىشى مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بولۇپمۇ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە نۆۋەتتە ئېبولا ۋىرۇسى پارتلىدى.»

ۋىرۇسنىڭ پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرە ئەتراپىدىكى پەردىگە چاپلىشىپ تۇرىشىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق، ئىسپېرما ئىچىدە بايقالغان بىر قانچە خىل كراخمالسىمان ئاقسىل باشقا ۋىرۇس (مەسىلەن HIV) نىڭ تارقىلىشى ۋە يۇقۇملىنىشىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقالغان، دوكتۇر James بىئوخىمىيە ۋە بىئوفىزىكا دوتسېنتى، شۇنداقلا تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمىتى كراخمالسىمان ئاقسىلنىڭ جىنسىي يولدىن يۇقۇملىنىش مودېلى ئىچىدىكى ئېبولا ۋىرۇسىغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش بولۇپ، شۇنداقلا كراخمالسىمان ئاقسىل بىرىكمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىرىكمىنىڭ قوغداش رولىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش. ئۇندىن باشقا، ئۇلار باشقا سورۇن (مەسىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۈچەي يولى)لارنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا بايقىغان كراخمالسىمان ئاقسىللارنىڭ باشقا تۈردىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتا رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg