ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ساق ئادەمگە HIV بىمارىنىڭ سۇيۇقلۇقى تېگىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى : 2020-05-21 01:04:57  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

u=1739605505,3372625553&fm=27&gp=0.jpg

 HIV كەسپىي پاش بولۇشى دېگىنىمىز، HIVدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ قېنى ياكى سۇيۇقلۇقى (جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، باش سۈيى) شۇنداقلا HIV تەركىبى بولغان تەجرىبىخانا ئەۋرىشكىسى تېببىي خادىملارنىڭ يارىلانغان تېرىسى، شىللىق پەردىسىنى بۇلغىغان، يىڭنە سانجىلىپ كەتكەن ۋە ياكى ئۆتكۈر تىغدىن يارىلانغان ئەھۋاللاردۇر.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېسەل ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملىنىش مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، HIVدىن يۇقۇملانغانلارنى سىرتىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، ئەمما يەنىلا يۇقۇشچانلىقى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدە كىلىنىكىلىق ئىپادىسى يوق، بىمار دائىم ھەر قايسى بۆلۈملەردە داۋالىنىدۇ، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ۋاقتىدا توغرا دىياگنوز قويۇشمۇ تەس، شۇڭا تېببىي خادىملارغا كىلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن يۇقۇش مەنبەسى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئىگىلەش ئىنتايىن زۆرۈر.

بىرىنچى، پاش بولۇشنىڭ يوللىرى: تېرىنىڭ زەخملىنىشى، شىللىق پەردىنىڭ پاش بولۇشى، HIVدىن يۇقۇملانغۇچى ياكى بىمارنىڭ سۇيۇقلۇقىدىن بۇلغىنىش قاتارلىقلار.

ئىككىنىچى، كەسپىي پاش بولۇش يۈز بەرمەيدىغان ئەھۋاللار:

يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ۋە تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمىغان ئەھۋال ئاستىدا HIVدىن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز بىمارلىرىنى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش؛

يۇقۇملانغۇچى ياكى بىمارنىڭ تەر سۇيۇقلۇقى ۋە سۈيدۈكى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش.

ئۈچىنچى، HIV كەسپىي پاش بولۇشنىڭ خەتىرى:

ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىنىڭ HIVدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى دەرۋەقە مەۋجۇت؛

يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن؛

كەسپىي پاش بولۇش كەسپىي يۇقۇملىنىش ھېسابلانمايدۇ؛

كەسپىي خاراكتېرلىك يىڭنە سانجىلىشتىن پاش بولۇش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپى 1/300 بولىدۇ.

تۆتىنچى، جىددىي دائىرىلىك بىرتەرەپ قىلىش.

جىددىي بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋپىنى %80 كېمەيتكىلى بولىدۇ.

بەشىنچى. دوكلات ۋە باھالاش.

1. دوكلات: كەسپىي پاش بولۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال مەسئۇل رەھبەر ۋە دوختۇرخانىغا دوكلات قىلىش، دەرھال قان ئېلىپ تەكشۈرتۈش.

2. باھالاش: رەھبەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، كەسپىي ئاشكارىلاشنىڭ دەرىجىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكىنى باھالاش.

ئالتىنچى، دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش.

يەتتىنچى، قەرەللىك زىيارەت ۋە مەسلىھەت.

پاش بولۇشتىن كېيىنكى 0-، 4-، 8-، 12-ھەپتە ۋە ئالتە ئايغىچە HIVنى تەكشۈرۈش.

سەككىزىنچى، كەسپىي ئۇچرىشىشنىڭ دەرىجىسى.

كەسپىي ئۇچرىشىشنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى خەتەرنىڭ دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچرىشىش تەرتىپ بويىچە ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ تەرتىپ بويىچە چوڭىيىپ بارىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg