ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى قايسى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؟
ۋاقتى : 2020-05-21 23:45:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

79.jpg

 ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى بارغانسېرى ئۇزارماقتا. نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆمرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى بىلەن ئوخشاش بولماقتا.

تەتقىقاتتا ئىپادىلىنىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئۇلارغا ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇلسىلا ياخشى سەھىيە داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىدۇ ھەمدە داۋاملىق داۋالىنالايدۇ.

نۇرغۇن ئامىللار ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان نەتىجىلەر كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل موشۇ ئامىللار ۋە باشقا ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ.

* ئۈنۈملۈك HIV داۋالاش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش؛

* HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن CD4 ھۈجەيرە سانى تۆۋەنلەپ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر تېزدىن داۋالاش كېرەك. قانچە بالدۇر بايقاپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشنى باشلىسا، مۆلچەر ئۆمرىنى شۇنچە ئۇزارتالايدۇ؛

* ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىدىكى HIV كېسەللىكلىرى بولغان بولۇپ، بۇ بەلكىم HIV بايقىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بولغان. بۇ كېسەللىكلەر ئۆمۈر كۆرۈشىگە نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

* نەتىجىدە HIV داۋالاش باشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىنكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالانغان بىر يىل ئىچىدىكى مۆلچەر ئۆمرى داۋالىمىغاندىكىدىن ياخشى بولغان. كونكرىت قىلىپ ئېيتقاندا، CD4 سانى ئاز دېگەندىمۇ 350 كە يەتكەن ھەمدە بىر يىل ئىچىدە ۋىرۇس مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولماي ئۆمۈر كۆرۈشى ياخشى بولغان؛

* HIV داۋالاش ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئۆتكەنكى بىر قانچە يىلدىن ياخشىلاندى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بايقالغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بۇرۇنقىلارنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇۋاتىدۇ؛

* باشقا سالامەتلىك ئەھۋاللىرى مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى ۋە راك، بۇلار ئۆلۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى، بەلكى HIV ئەمەس؛

* زەھەر چېكىش- ھەددىدىن زىيادە زەھەر چېكىش ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك زەھەر چەككەن كىشىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى تېخىمۇ قىسقىرايدۇ؛

ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەن بولسۇن-بولمىسۇن، ھەربىر ئادەمنىڭ مۆلچەر ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك.

* جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادى مۇھىت سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز، تاپاۋەت قىلىشىڭىز، تەربىيىلىنىشىڭىز ۋە جەمىئيەتتىكى ئورنىڭىز قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۆمرىڭىزدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت.

* جىنسى-ئاياللار ئادەتتە ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.

* تۇرمۇش ئۇسۇلى-ئوزۇقلىنىشى تەڭپۇڭ بولغان، ھەركەت قىلىدىغان، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىغان، كۆپ ھاراق ئىچىشتىن ۋە دورا يېيىشتىن ساقلانغان ھەمدە جەمئىيەت ئالاقىسىنى ساقلىغان ئادەم تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش ئۆمۈرگە ناھايىتى پايدىلىق.

مۆلچەر ئۆمۈرنى قانداق ھېساپلايمىز؟

مۆلچەر ئۆمۈر بىر ئادەمنىڭ مۆلچەرلەنگەن ئوتتۇرىچە ئۆمرى.

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر نۆۋەتتىكى ئۆلۈش نىسبىتىنى داۋاملىق پايدىلانغاندا، بىر ئالاھىدە ياشتىكى يەككىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ بىر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى كۈزىتىش ۋە كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلىدۇ.

ئەمما، HIV بىر خىل يېڭى كېسەللىك، HIV داۋالاش بىر تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان تىببىي ساھە. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەجرىبىلىرىمىز كەلگۈسىگە نىسبەتەن توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس.

نۆۋەتتە، 20 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ناھايىتى كۆپ. نۆۋەتتىكى ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇشى كەلگۈسى ئۆمرىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سانلىق قىممىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىزنىڭ 70تىن 80 ياشقىچە بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن تەجرىبىمىز ناھايىتى ئاز، شۇڭلاشقا بىزنىڭ HIVغا نىسبەتەن ھەياتتىكى تەسىرىمىز ناھايىتى ئاز.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلىشى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار كەلگۈسىدە ياخشى HIVغا قارشى دورا بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بۇ دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى ئاز، تېخمۇ ئاسان يېگىلى بولىدىغان بولۇپ، HIVنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسىغىلى بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ يۈرەك كېسىلى، دىئابىت، راك كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋە باشقا HIV يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بولغان تونۇشى ياخشىلانماقتا. بۇ بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆمرى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۆلچەرىمىزدىكىدىن ئۇزۇن بولدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

بۇ ئوقۇشلۇقنى ئوقۇغاندا، مۇھىمى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئۇلار ئادەتتە ھەركەت بىلەن شوغۇللىنىش ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىدىغان ياكى دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ.

گەرچە بۇ ئامىللار سالامەتلىككە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ھەربىر سانغا نىسبەتەن، بۇ سانلار ئۆمرىنى مۆلچەرلەشكە ئېنىق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا، HIVغا ھۆكۈم قىلىش ۋە CD4 سانىغا ئاساسەن ئۆمرى پەرەز قىلىنىدۇ، ئەمما بىز يەنىلا تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە جەمىئيەت ئامىلىنى ئويلىشىپ بولالمىدۇق.

مۇھىمى ئوتتۇرىچە ئۆمۈرنىڭ سانى ئوتتۇرىچە قىممەت ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزىگە خاس تۈزۈلۈشى - سالامەتلىك، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ-- بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەلكىم ئوتتۇرىچە قىممەتتىن چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى مۇمكىن.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg