ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار يەنە ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟
ۋاقتى : 2020-05-25 01:03:50  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 تويدىن ئىلگىرى يولدىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بارلىقىنى بىلگەن شياۋلىڭ ئوغۇل دوستى شياۋجيەن بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى بەش يىل بولغان بولۇپ، يېقىندا تويغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

شياۋجيەن تۇغۇلىشىدىنلا يۇقۇملانغان بولۇپ، ئىزچىل دورا ئىشلىتىۋاتاتتى؛ دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئۇنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، يۇقۇشچانلىقى يوق دېيەرلىك ئىدى.

ئەڭ ئاۋۋال، ئەيدىز كېسىلى كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا يۇقمايدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، سىستېمىلىق داۋالانغان بىمارلارنىڭ ئۆمرى نورمال ئادەملەردەك ئۇزۇن بولىدۇ؛ ئەڭ خوشاللىنارلىقى شۇكى، يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ساغلام پەرزەنتلىك بولغىلى بولىدۇ.

شۇنداق قىلپ، ئىككىسى ئاخىرى توي قىلدى، گەرچە دوختۇرنىڭ دېگىنىدەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇقۇشچانلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككىسى يەنىلا بىرقەدەر ئېھتىياتچان ئىدى.

تويدىن كېيىن ھەر ئىككىسى ساغلام پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، لېكىن قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى.

16.jpg

ئەيدىز كېسىلى ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا قاتتىق زىيان سالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل، بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ داۋاملىق ئېشىپ بارماقتا. ئۇنداقتا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلپ بالىلىق بولسا بولامدۇ؟

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى توي قىلسا بولىدۇ.

ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كۆپلىگەن كىشىلەر بۈگۈنگىچە ئائىلىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىراق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئالدىن ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى، ھەمراھنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ئۈچ خىل بولىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىدەك: قان سۇيۇقلۇقىدىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىن بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا جىنسىي ئالاقىدە گاندوم ئىشلىتىش كېرەك؛ يۇقۇملانغۇچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدا توساتتىنلا گاندون چۈشۈپ قېلىش، يىرتىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بىلىنگەن تەرەپ ئالدىنى ئېلىش داۋالىشى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار بالا تۇغسا بولىدۇ.

بىراق ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن دوختۇردىن چوقۇم مەسلىھەت سوراش، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، ھامىلىدارلىق مەزگىلدە پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش كېرەك.

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار باشقا غەيرى ئەھۋاللار بولمىغان ئەھۋالدا تەبىئىي ھامىلىدار بولسا، تەبىئىي بوشانسا بولىدۇ، بىراق ئەيدىز ۋىرۇسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن، يەنە بوشىنىش جەريانىدا قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپلىگەن كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر كۆپچىلىككە شۇنداق دەيدۇكى: قارىماققا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان بۇزغۇنچىلىق كۈچى بۇنداق كۈچلۈكتەك قىلغان بىلەن، ئەمما ۋىرۇسنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى «بەكلا ئاجىز». ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا پەقەتلا نەچچە سائەتتىن نەچچە كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇردىكى، قۇرغاق ياكى دائىم ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك تازىلاش دورىسى ۋەياكى دېزىنفېكسىيەلىگۈچى (مەسىلەن: يود تىنكتورىيىسى، ئىسپىرت قاتارلىقلار)بىلەن بۇ خىل ۋىرۇسنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، ھەتتا تۇرۇبا سۈيىدىكى قالدۇق خىلور بىلەنمۇ بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئاكتىپلىقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك:

ھامىلدارلىققا تەييارلىق قىلىشتا ئەر-ئايال ئىككىيلەن نېمىلەرنى تەييارلاش كېرەك؟

ھامىلدار بولغان ھامان، پۈتۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بالىنىڭ يۇقۇملانمىغانلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

ئادەتتىكى ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈش تۈرىدىن باشقا يەنە قانداق تەكشۈرتۈشلەر زۆرۈر بولىدۇ؟

بالىنى ئۆزى تۇغۇش كېرەكمۇ ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغۇش كېرەكمۇ؟

بالىنى تۇغقاندىن كېيىن قانداق ئوزۇقلاندۇرۇپ قانداق بېقىش كېرەك؟

بۇ خىل ياردەملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق دوختۇرخانىلارغا بېرىش كېرەك؟ قاتارلىقلار.

يارپ تورى تەھرىرى
OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg