ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئىككى يىل دورا يېگەن بولسا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانمىسىمۇ بولامدۇ؟
ۋاقتى : 2020-05-27 00:49:34  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 قارشى تەرەپ دورا يەۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان ئەھۋال ئاستىدا، گاندون ئىشلەتمىسىمۇ بولامدۇ؟ U=Uنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

بۇنىڭدا يۇقۇشچانلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىغا، كېسەللىك تارىخىغا قاراش كېرەك، دورا يېيىش ۋاقتى بىلەن بەلگىلەنمەسلىكى كېرەك.

يۇقۇشچانلىقىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ دورا ئىشلىتىش ۋاقتى بىلەن مۇقەررەر باغلىنىش يوق، ئەكسىچە يۇقۇملانغۇچىنىڭ كېسەللىك يۈكلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، HIV ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى دېگىنىمىز HIVدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن، ۋىرۇس مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. كېسەللىك يۈكلىنىشىدە ئىزچىل ھالدا بايقىغىلى بولمىسا، يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولمايدۇ.

كۆپلىگەن يۇقۇملانغۇچىلار داۋالىنىپ يېرىم يىلدىن ئاشقاندا كېسەللىك يۈكلىنىشى بايقالمايدۇ. ھەربىر HIVغا قارشى داۋالىنىۋاتقان يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس مىقدارىنىڭ ھەممىسى ئىزچىل ھالدا بايقالمايدىغان ھالەتتە تۇرىۋەرمەيدۇ. دورىغا قارشىلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كېسەللىك يۈكلىنىشىنى ئىزچىل بايقىغىلى بولمايدۇ، پەقەت سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سۆز قىلىشقا بولىدۇكى، دورا ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

1. سەرخىل يۇقۇملانغۇچى گەرچە دورا يېمىسىمۇ، كېسەللىك يۈكلىنىشى ئىنتايىن تۆۋەن (100دىن تۆۋەن) بولىدۇ، شۇڭا يۇقۇشچانلىقى بولمايدۇ.

2. دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن بىرلەمچى دورىغا چىداملىق ياكى داۋالانغاندىن كېيىن دورىغا چىداملىق پەيدا بولىدۇ، كېسەللىك يۈكلىنىشى قايتا قوزغىلىدۇ، بۇ چاغدا يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقۇملانغانغۇچى يەنە دورىغا چىداملىق ۋىرۇس توپى بولىدۇ.

3. يېرىم يىل كېسەللىك يۈكلىنىشى بايقالمىغان بولسا، ھازىرمۇ شۇ ھالەتتە بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا يېرىم يىلدا بىر تەكشۈرتۈش كېرەك.

4. ئەيدىزدىن باشقا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سىفىلىس، سۆزنەك، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، جىنسىي ئەزانىڭ سىرتىغا ئۆرۈلۈپ قېلىشى خاراكتېرلىك قاپارتما، جىنسىي يول تىراخوما خىلامىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوغدىنىش بولمىغان (گاندون ئىشلەتمىگەن) جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولىدۇ.

تېنىدە «ۋىرۇس مىقدارى بايقالمىغان» ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغۇچى يەنىلا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالامدۇ (يۇقتۇرالامدۇ)؟

ياق.

U=Uنى قانداق چۈشىنىمىز؟

20180609132212509.jpg

U=Uھەققىدىكى ئورتاق تونۇش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش تەرجىمە قىلغاندا «ئىزچىل ھالدا كۆزىتەلمەسلىك = يۇقۇشچانلىقى يوق» بولىدۇ. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بۇ ئىدىيەنى تېخىمۇ پۇختا چۈشىنىپ، خاتالىشىشتەك خەۋپ-خەتەر ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر:

1. HIVدىن يۇقۇملانغۇچى ئۈنۈملۈك داۋالىنىۋاتقان؛

2. HIVدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ دورا ئىچىشتىكى ئاڭلىقلىقى؛

3. HIVدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدە HIV ۋىرۇس يۈكلىنىشى بولمىغان، شۇنداقلا ئىزچىل ھالدا ئالتە ئايغىچە شۇ ھالەتنى ساقلاپ قالغان؛

4. يۇقۇشچانلىقى بولمىغان «پەقەتلا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ساقلانغان» قاتارلىق ئەھۋاللار.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg