ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ۋە يۇقۇملىنىش پەيدا قىلدىغان قىلمىشلار
ۋاقتى : 2020-05-29 00:58:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: جىنسىي ئەخلاققا رېئايە قىلسا، جىنسىي ھەمراھ مۇقىم بولسا، بىخەتەر جىنسىي ئالاقە قىلسا، ئەيدىزنىڭ جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ. سۈپىتى لاياقەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) ئىشلىتىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدۇ.

قان ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: زەھەردىن يىراق تۇرۇش، ئىشپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چەكمەسلىك، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتىلاسىنى تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بولمىغان قان سۇيۇقلۇقىنى، قان مەھسۇلاتلىرىنى ھەم بەدەن ئەزالىرىنى ئىشلەتمەسلىك، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئىشپىرىسلارنى ئىشلەتمەسلىك، باشقىلار بىلەن ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ھەم دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ھۆسن تۈزەش، قاش-قاپاق چېكىش قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم تېببىي مەسلىھەت ئېلىش كېرەك. دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بالىنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتمەي، بالىغا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا يېگۈزۈش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.

قايسى قىلمىشلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش يوللىرى: قوغدىنىش بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بولۇش، ئەر ھەمجىنسلارنىڭ جىنسىي قىلمىشى.

قاندىن يۇقۇش يوللىرى: باشقىلار بىلەن ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش؛ قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئىشپىرىس، ياستۇقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان مەھسۇلاتلىرىنى، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان توقۇلما، ئەزالارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش.

ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يوللىرى: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدار بولغاندا، بالا تۇغقاندا، بالىنى ئېمىتكەندە، بالىنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

باشقا يۇقۇش يوللىرى: چاچ ياسىتىش، ھۆسن تۈزىتىش، بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈش، قۇلاق تەشتۈرۈش، تىرناق ياساش ئەسۋابلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلماسلىق؛ باشقىلار بىلەن ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ يارىلانغاندا ياكى باشقىلار بىلەن مۇشتلاشقاندا قان بىلەن ئۇچرىشىپ يۇقۇملىنىش؛ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ زەخىملەنگەن تېرىسىدىن چىققان قاننىڭ يارىلانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىشى.

قايسى ئورۇنلار ئەيدىز كېسىلىدىن مەسلىھەت بېرىدۇ؟

ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى بىلەن داۋالاش - سەھىيە تارماقلىرى تەسىس قىلغان ئەيدىز كېسىلىدىن ئىختىيارىي مەسلىھەت بېرىپ تەكشۈرۈش ئامبۇلاتورىيەلىرى (VCT ئامبۇلاتورىيەسى) مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەرلىكتىكى ئەيدىز كېسىلىدىن مەسلىھەت سوراش مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق كونكرېت ئەھۋاللارنى ئۇقۇشسا بولىدۇ ياكى يەرلىكتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چۈشىنىۋالسا بولىدۇ. (4)

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg