ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
HIV يۇقۇمدارلىرىنىڭ داۋالىنىش تەلىپى رەت قىلىنسا قانداق قىلىشى كېرەك؟
ۋاقتى : 2020-05-30 00:49:11  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

20180513172613425.jpg

 ئىنسانلار HIVدىن يۇقۇملانغاندىن سىرت، يەنە باشقا كېسەللىكلەرگىمۇ گىرىپتار بولىدۇ. باشقا كېسەللەر بايقالغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك!

ھەرقايسى جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى، ئاياللار كېسىلى بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى، ھەرقايسى جايلاردا HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلار تېخىمۇ كۆپەيدى. بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن «قەيەرگە كۆرۈنۈش كېرەك بولسا شۇ جايدا كۆرۈنۈش» كېرەك.

دورىلارنىڭ ئومۇملىشىشى، ۋاقتىدا بايقىلىشى ئەيدىز كېسىلىنى ئۆمۈرگە ھەقىقىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندۇردى. ئادەم ھايات بولغانىكەن ھامان مۇنداق ياكى ئۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بىراق، داۋالىنىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى HIVدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولۇپ قالدى. دۆلەتنىڭ داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشىغا ئەگىشىپ داۋالاش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھازىر داۋالاشنى رەت قىلىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋالدا ئۇششاق مەسىلىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىمىز:

1. ئالدى بىلەن دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشىنىڭ كەمسىتىش ئەمەس، بەلكى قورقۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىشىڭىز سىزنىڭ دوختۇر بىلەن ئالاقە ئاساسى ئورناتقانلىقىڭىزدىن، مۇشۇ ئاساستا دوختۇرنىڭ قورقۇنچى يوقالسىلا ئۈنۈملۈك داۋالىنالايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

2. كېسىلىڭىزنى شۇ جايدىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىدا، ئەڭ ياخشى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ. بۇ ئەھۋالدا ياشراق دوختۇرلارغا كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى ياش دوختۇرلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشى تېزرەك بولىدۇ.

3. ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ياكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى بېكىتىدىغاندا دوختۇردىن قايتا-قايتا مەسلىھەت ئېلىڭ، دوختۇر قانداق قىلىڭ دېسە چوقۇم شۇنداق قىلىڭ! بۇنىڭ بىلەن تۇنجى قەدەم تاماملانغان بولىدۇ.

4. ئادەتتە دوختۇرخانىدا يېتىپ ئەتىسى ئەتىگىنى قان ئېلىپ خىمىيەلىك تەكشۈرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە HIV ئانتىتېلاسىنى چوقۇم تەكشۈرتۈش كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆپىنچە چۈشتە ياكى چۈشتىن كېيىن چىقىدۇ. بىمار نەتىجە چىقىشتىن ئىلگىرى مەسئۇل دوختۇر بىلەن بەدىنىدىكى HIVنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلىشىشى (داۋالىنىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلار ئەڭ ياخشىسى يېقىنقى CD4 تەكشۈرۈش دوكلاتى، ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرتۈش دوكلاتىنى ئېلىپ كېلىش كېرەك) كېرەك. ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمىغانلىقى يۇقۇملىنىشنىڭ 0گە يېقىنلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەتتە داۋالاش خادىملىرى مۇداپىيە كۆرسىلا يۇقۇملانمايدۇ. بۇ بىلىمنى ئادەتتىكى دوختۇرلار بىلمەيدۇ. شۇڭا دوختۇرغا بىمار ئۆزى ئېيتىشى كېرەك. بىمارنىڭ دوختۇرغا ئېنىق قىلىپ دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ دىققەت قىلسىلا يۇقۇملانمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇ ۋاقىتتا يەنە دوختۇردىن مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

5. ناۋادا دوختۇر داۋالاشنى رەت قىلسا داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمى ياكى دوختۇرخانىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بىلەن كېلىشسە بولىدۇ.

6.  ناۋادا كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا سەھىيە ئىدارىسى داۋالاش مەمۇرىيىتى بۆلۈمىگە ئەرز قىلىش كېرەك.

ئەسكەرتىش: دورا ئىشلەتمىسە ياكى CD4نىڭ سانى 200دىن ئاز بولسا ئېھتىياتچانلىق بىلەن داۋالىنىش كېرەك. چۈنكى CD4نىڭ سانى 200دىن ئاز بولغاندا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ.

دوختۇرخانا بىلەن بىمار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ. 

1. كۆپىنچە بىمارلار دوختۇرلارنىڭمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ئۇنى بىر خىل كەمسىتىش دەپ قالىدۇ.

2. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى بىلىمى ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، بىماردىنمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن (بىمارنىڭ يۇقۇملىنىشتىن ئىلگىرىكى چۈشىنىشى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ). ئويلاپ بېقىڭ، چىشىڭىزنى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تارتقۇزامسىز؟

3. ئۇلارمۇ ئادەم، شۇڭا ئۇلارمۇ قورقىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg