نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى HAART بولۇپ، يەنە «كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، كۆپلىگەن كىلىنىكىلىق سىناق ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىلغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاستىسىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىۋېتەلەيدىغان ئۇسۇل يوق.
ئەگەر توردا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالايدۇ دېگەن ئېلاننى كۆرسەڭلار ھەرگىز ئىشەنمەڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ قىممەتلىك داۋالىنىش ۋاقتى بىلەن ئىقتىسادىنى ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى پەقەت ئىلىم-پەنگە ئىشىنىپ، مۇنتىزىم داۋالانغاندا ئاندىن نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش كۆزلىمە ئۆمۈردە ياشىغىلى بولىدۇ.
يارپ تورى تەھرىرى