ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات خادىملىرى ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەندى
ۋاقتى : 2018-04-30 17:45:32  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  

 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى مۇدىرى دىلشات ياقۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالتۇن ئاشلىق بىناسى يىغىن زالىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2018-يىللىق پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات تەربىيەسى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان 150 كە يېقىن كۇرسانتلارغا ناھايىتى ئەمەلىي ھەم ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق بولغان بىر قېتىملىق ئەيدىز بىلىملىرى لېكسىيەسى سۆزلەپ بەردى. 

 

دىلشات ياقۇپ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى توغرىلىق، ئۆزىنىڭ يېقىندا تۆۋەنگە چۈشۈپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغاندا تەكشۈرۈپ چىققان، بىلگەن، ھېس قىلغان، باشقىلارنىڭ تونۇش-چۈشەنچىسىدىن ئاڭلىغان نەتىجە ھەم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

ئاندىن ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ھەم يىللاردىن بۇيانقى يۇقۇش ۋە تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى.

 

 ئاخىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە توختىلىپ، پىلانلىق تەشۋىقات تەربىيەسى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىملىقى، كەسپىي بۇرچىنىڭ ئېغىرلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى. 

ئاپتونوم رايونىمىزدا يىللاردىن بۇيانقى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يوللىرىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش %70 ئىگەللىگەن بولۇپ، 2017-يىلى بىر يىللىق يۇقۇش نىسبىتىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش %86 ئىگەللىگەن ئىدى. 

 

ئائىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يولدىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرىۋالغان ئائىلە ئاياللىرى كۆپىيىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئائىلىدە ئەر-ئاياللار ئارا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىش مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يىلىغا 90دىن 100گىچە ئەيدىز بوۋاق تۇغۇلىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى پىلانلىق تەشۋىقات كادىرلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلانغانىدى. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ساغلاملىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، تويدىن بۇرۇن چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى تۈزۈملۈك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، دىلشات ياقۇپ ئۇلارغا ئانىدىن بالىغا ئەيدىز يۇقۇشنىڭ تەشۋىقات-تەربىيەسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg