ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشتا دورا ئىچىش ۋاقتىنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟
ۋاقتى : 2018-04-27 16:59:23  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

2.jpg

سوئال:ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلىغاندىن كېيىن، دورا ئىچىش ۋاقتىنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كېرەك؟

جاۋاب: دورا ئىچىش ۋاقتى ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. يۇقۇملانغانلار ياكى بىمارلار بىر قىسىم ئاددىي، قولايلىق، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق دورا ئىچىشنى ئۆزىگە ئەسكەرتىپ تۇرسا بولىدۇ، مەسىلەن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەسكەرتىشى، يانفون قوڭغۇرىقى، مۇقىم ئالاھىدە ۋاقىت (مەسىلەن مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر باشلانغان ۋاقىت)، كالېندارغا بەلگە «√» ئۇرۇش، يەتتە كۈنلۈك دورا سېتىۋېلىپ، دورىلارنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇش ياكى ھەر كۈنى ياندا ئېلىپ يۈرۈش، توڭلاتقۇ ئىشىكى ياكى كارىۋات بېشى چىرىغىنىڭ يېنىغا دورا ئىچىشىنى ئەسكەرتىش باغاقچىسى چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش.

يارپ تورى تەرجىمىسى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg