ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
جىنسى پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىشتىكى بەش تۈرلۈك پىلان
ۋاقتى : 2018-04-26 18:48:00  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

131278729_51n.jpg

«مەنمۇ شۇ» ھەرىكىتى دۇنيا خەلقىگە ھەرخىل شەكىلدىكى پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنسىي پاراكەنچىلىك ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىمۇ بار. بۇ نۇقتىدا ب د ت مۇ، ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانلاش مەھكىمىسىمۇ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ جىنسي پاراكەنچىلىككە قىلچە يول قويماسلىق سىياسىتىنى قايتا بايان قىلىش ئۈچۈن ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مىچېل سىدىبې 2018-يىلىنىڭ بېشىدا بەش مۇھىم نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىنسىي پاراكەنچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل خىزمەت سورۇنى ئېتىكا مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلماقچى بولدى.

بۇ پىلان تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى، ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، دۆلەت ئىش باشقارمىسى، ئالاقىلىشىش ئورنى ۋە رايونلۇق ئىش باشقارمىسى بىر ئادەمنى پاراكەنچىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل قىلىدۇ. بۇ خادىملار قۇرۇلمىسى مۇكەممەل دوكلات تۈزۈلمىسى ئارقىلىق ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن ئىجرائىيە مۇدىرىغا دوكلات قىلىدۇ.

ئىككىنچى، خىزمەتچىلەر ئاشكارا سۇپىدا پاراكەنچىلىك، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى خىزمەت سورۇنىغا ماس بولمىغان ئېتىكىلىق مەسىلىلەرنى مەلۇم قىلسا، پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭى لاھىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، يۈزتۇرانە تەربىيەلەش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىش، خىزمەتچىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرىلىتىش، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرگە ھوقۇق بېرىش، ئۇچرىغان ياكى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشلىرىنى تېز سۈرئەتتە مەلۇم قىلىدىغان شارائىتقا ئېرىشتۈرۈش. بۇنداق تەربىيەلەش ئاڭسىز بىر تەرەپلىمە قاراشنى پەرقلەندۈرۈش، ب د ت نىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مۇھىتىدا چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

تۆتىنچى، ب د ت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسى ئەمدى ھەر يىلى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەقىل تەكشۈرىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش پاراكەندىچىلىك، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە خىزمەت سورۇنى ئەخلاقىغا نامۇناسىپ قىلمىشلارغا چېتىلىدۇ.

بەشىنچى، يېقىندا كىرگۈزۈلگەن نەتىجە-ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. خىزمەت نەتىجىسى، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، باشقۇرۇزنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى باھالىغاندىن باشقا، يەنە ھەرقايسى قاتلاملاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت سورۇنىدىكى ھەرىكەت ئېتىكىسىنى باھالايمىز. ئومۇميۈزلۈك باھالاش باھالاش پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ب د ت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى يوقىتىش، كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە تىرىشىپ، جىنسلار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز ھازىر ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ جىنسلار باراۋەرلىكى ھەرىكىتى پىلانىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ تەشكىللەشكە قاتناشقان ھەرقايسى قاتلاملاردا جىنسلار باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. بىز يۇقىرىقى تەدبىرلەرنىڭ خىزمەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى تولۇق بايان قىلىش، پىكىرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 يارپ تورى تەرجىمىسى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg