ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەردىن زادى قايسىلار بار؟
ۋاقتى : 2018-03-31 15:48:48  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان يېمەكلىكلەردىن بۇ تۆت خىلىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك  

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەردىن زادى قايسىلار بار؟ يېمەكلىك ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك قايسى يېمەكلىكلەرنىڭ مۇشۇنداق ئ‍ۈنۈمى بارلىقىنى ئىگەللىشى كېرەك. بۈگۈن بىز تۆت خىل يېمەكلىكنى رەتلەپ چىقتۇق، كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل ئىگەللىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

0001.jpg

 ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئالدىغان يېمەكلىكلەر      

ئاچچىق كاۋا. ئاچچىق كاۋا تەركىبىدىكى ئاچچىق كاۋا ئاقسىلى ئادەم تېنىگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك تىزگىنلەش رولى بار. ئىلگىرى ئامېرىكا ئالىملىرى 500 ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا كۆپ مىقداردا ئاچچىق كاۋا ئىستېمال قىلدۇرۇپ ياكى ئاچچىق كاۋا سۈيىنى ئىچكۈزۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولغان.

 لامنارىيە (خەيدەي). لامنارىيە تەركىبىدە يود ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يود ياللۇغلانغان ئورۇندىن چىققان ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، راك كېسەللىكىگە قارىتا مۇئەييەن تىزگىنلەش رولى بار. لامنارىيە تەركىبىدە يەنە سۇلفات كىسلاتا ئېفېرى بار بولۇپ، ئادەم بەدىندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئ‍الدىنى ئالىدۇ.

سامساق. سامساق ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە سامساقنى كۆپ يېيىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كۆكچېچەك (شىلەن خۇا). كۆكچېچەك  تەركىبىدە تيو-گلۇكوزىد ناھايىتى كۆپ. تيو-گلۇكوزىد تەركىبى يۇقىرى  يېمەكلىكلەر ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، توغرا ئ‍ۈچەي راكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە سۈت بېزى راكىغا نىسبەتەن مۇئەييەن داۋالاش ئۈنىمى بار. كۆكچېچەك، كاپۇسكا ۋە شۇنىڭدەك كىرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار تەركىبىدە تيو-گلۇكوزىد تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى.

0002.jpg

ئەيدىز قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش           

 ئاسانلىقچە شەھۋانىي سورۇنلارغا بارماسلىق ياكى باشقىلار بىلەن جىنسي مۇناسىۋەتتە بولماسلىق كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەيدىزنىڭ ئەڭ چوڭ تارقىلىش يوللىرىنىڭ بىرى. مەيلى ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئەر ياكى ئ‍ايال بىلەن ئايال بولسۇن، يېنىكلىك بىلەن جىنىسي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئىككىلا تەرەپكە زىيان ئېلىپ كېلىپلا قالماي، سالامەتلىككە ۋە ئائىلىدىكىلەرگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

قانۇنسىز قان سېتىش پونكىتلىرىغا بېرىپ قان ساتماسلىق، زەھەر چەكمەسلىك كېرەك.

قان ئارقىلىق تارقىلىش ئەيدىز كېسىلنىڭ ئەڭ مۇھىم تارقىلىش يوللىرنىڭ بىرى. قان ساتقان ۋە زەھەر چەككەندە، تولۇق دېزىنفىكسيەلەنمىگەن شىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتكەندە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەمجىنىسلىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتتىن سىرت، بەزى تېرىنى زەخمىلەندۈرىدىغان ياكى قان بىلەن ئۇچرىىشىش ئىمكانىيتى بار بۇيۇملارنى شەخسىي ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن: چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ، لۆڭگە قاتارلىقلار. ھەرقانچە يېقىن مۇناسىۋەت بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئۆزى ئىشلىتىشى كېرەك.

ئەيدىزنىڭ خەۋىپى

ئەيدىزنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى خىلمۇ-خىل بولىدۇ، ئادەتتە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامەتلىرى سوغۇق تېگىپ قالغانغا ئوخشاش بولۇپ، زۇكامداش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، مەسىلەن: تېرە ۋە يېپىشقاق تېرىدە ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش، ئادەتتىكى قوقاق، بەلباغسىمان قوقاق، بىنەپشە داغ، قانلىق ئىششىق، قانلىق قاپارتما، ئۆلۈك داغ، زەخمىلەنگەندىن كېيىن قان توختىماسلىق قاتارلىقلار. كېيىن بارا-بارا ئىچكى ئەزالار يۇقۇملانغاندا، 3، 4 ئاي سەۋەبسىز قىزىش، يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش، جىگەر ۋە تال ئىششىپ كېتىش، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ بولغاچقا، ئادەتتە ھەربىر بىماردا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالامەتلەردىن بىر ياكى ئىككىدىن ئارتۇقى كۆرۈلىدۇ.

زەخمىلەنگەن ئەزا بويىچە ئېيتساق، ئۆپكە يۇقۇملانغاندا، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، كۆكرىكى ئاغرىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يۇقۇملانغاندا، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، ئورۇقلاپ، ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ قان تومۇر يۇقۇملانغاندا، قان تومۇر قان نوكچىسى مەنبەلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش خارەكتېرلىك مېڭە قاناش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. (پايدىلانغان توربەت: 39 ساغلاملىق تورى)

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg