ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
قورقۇنچاق سىڭلىسىغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تەن چەكمە چەكتۈرگەن ئايال ئەيدىز بولۇپ قالدى
ۋاقتى : 2018-02-24 21:21:35  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن لىين پارېنت (Lyn Parent) ئىسىملىك بۇ ئايال يېڭى زېلاندىيە ئاۋكلاندتىن بولۇپ، ئۇ 1992-يىلى سىڭلىسى بىلەن تەن چەكمە چەكتۈرگىلى بارغان، لىين قورقۇنچاق سىڭلىسىغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىگە چەكمە چەكتۈرگەن، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن لىيننىڭ بەدىنىگە چېكىلگەن كېپىنەك چەكمىسى ئۇنى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويغان.

لىيننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئەينى چاغدا نۇرغۇنلىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار ئارىسىدا تەن چەكمىسى چەكتۈرۈش مودا بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىڭلىسىمۇ تەن چەكمە چەكتۈرۈپ سىناپ باقماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قورقۇنچاقلىق قىلىپ پېتىنالمىغان. لىين سىڭلىسىغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ تەن چەكمىسى چەكتۈرۈشكە قوشۇلغان ھەم ئۆزىمۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ مودا يۈرۈپ باقماقچى بولغان. لىيننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا تەن چەكمە ئۇستىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ئادەمگە چەكمە چېكىپ بولغاندىن كېيىن يىڭنىنى ئالماشتۇرمايلا لىيننىڭ تېنىگە چەكمە چېكىشكە ئىشلەتكەن، كېيىن سىڭلىسىغا نۆۋەت كەلگەندىلا ئاندىن يىڭنىنى ئالماشتۇرغانىكەن.

ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن لىين ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، چىرايى سارغىيىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇدا قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.لىين دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەن، دوختۇرلار بىر تالاي تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دەسلەپكى قەدەمدە «بەزگەك كېسىلى» گە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى  ئوتتۇرىغا قويغان.

لېكىن ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، دوختۇرلار لىينغا يەنىلا ئېنىق دىياگنوز قويمىغان. لىين كۈنىگە 22 سائەت ئۇخلايدىغان بولۇپ كەتكەن، كېيىن ئاپىسى ئۇنى يەنە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قايتا تەكشۈرتكەن. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، لىيننىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، ئەينى چاغدا دوختۇرلار لىيننىڭ پەقەت ئالتە ئايلىقلا ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتقان.

لىين مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ نەتىجىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدىم، چۈنكى مېنىڭ ئۈچ سابىق ئوغۇل دوستۇمنىڭ ھەممىسى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە نورمال چىققانىدى. لېكىن دوختۇر ماڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەن چەكمىسى چەكتۈرۈشتىن يۇققانلىقىنى ئېيتقاندا، بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنگۈم كەلمەيلا قالدى، بۇ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىش ھە!».

دوختۇرلار لىينغا ئۆيىگە قايتىپ ئۆزىنىڭ رېئاللىققا ئايلانمىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن تىزىملىك يېزىپ (ئۆلۈمگە) تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇشىنى، شۇنداقلا ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىشىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن، لىين ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاۋستىرالىيەگە بېرىپ شۇ يەردىكى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىدالاشقان.

ھازىر بۇ ئىشلارغا ئاللىقاچان 20 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، لىين ھازىر ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالغانىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر قاچان يېتىپ كېلىدىغان ئۆلۈمدىن قىلچە قورقمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى سۈپىتىدە كۆرۈپ قەدىرلەپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لىين يەنە LiveAid Australasia ناملىق تەشكىلات قۇرۇپ تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان، ئۇ يەنە كىشىلەرنى بۈگۈنكى تۇرمۇشىنى قەدىرلەپ، ھازىرقى ۋاقتى ۋە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. بىز بۇ ئايالغا شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان بەختسىزلەرگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg