ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
«مەن نېمىشقا تېخىچە ئۆلمەيمەن؟» يەتتە يىللىق خاتا دىياگنوزنىڭ بەدىلىنى كىم تۆلىيەلەيدۇ؟
ۋاقتى : 2017-12-24 00:36:52  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 نۇر تورى تەرجىمىسى.

«مەن نېمىشقا تېخىچە ئۆلمەيمەن؟»

ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ يەتتە يىلدىن كېيىن، جوڭسۇۋېي بۇ سوئال بىلەن خۇاشى دوختۇرخانىسىغا كىرىپ كەلدى، 60 يۈەن تۆلەپ قان تەكشۈرۈشى قىلىپ «HIV مەنفى» دېگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشتى. ئادەتتىكى ئادەملەر بۇ نەتىجىنى كۆرۈپ ئۇھ دەپ يېنىكلەپ قېلىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى.

2008-يىلى يىل ئاخىرىدا، ئۇ چېڭدۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدە «HIV ئانتىتېلا مۇسبەت» دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قىز دوستى بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، ياخشى كۈنلەر باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. لېكىن ئەيدىز كېسىلى ھەممىنى بەربات قىلدى، ئاشخانىمۇ، قىز دوستىمۇ يوق بولدى. ئۆلۈم خۇددى ھەرۋاقىت چۈشۈشكە تەييار تۇرغان جادۇغا ئوخشايتتى. تېخنىكا گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا قاراپ، جوڭسۇۋېي قويۇق سىچۈەن تەلەپپۇزىدا «ئۆلۈپ كەتسەم بوپتىكەن» دېگەن سۆزنى نەچچە رەت تەكرارلايتتى.

«ئەمەتنىڭ دوپپىسىنى سەمەت كىيىۋالدىمۇ؟» ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خاتالىق بارمۇ؟

جۇڭگو كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى باش ئىجرائىيە مۇتەخەسسىسى ۋۇزۇنيوۋ ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: خەتكۈشنى خاتا چاپلاش قويۇش سەۋەبلىك مۇشۇنداق خاتالىق چىقىش ئېھتىماللىقى بار. خىزمەتچى خادىملار ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىپ ۋە ياكى بىپەرۋالىق قىلىپ، ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويغان.

يەنە بىر خىلى ئادەم ئامىلىدىن كېلىپ چىققان. بىز زەھەر چېكىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان كەنتكە بېرىپ تەكشۈرۈش قىلغان ۋاقتىمىزدا، قان ئېلىپ ئىسمىنى خاتىرىلىگەندە قەستەن باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىشلار مەۋجۇت ئىدى. نەتىجە چىقىپ تەكشۈرۈلگۈچى ئوبيېكتىپقا ئۇقتۇرغان ۋاقتىمىزدا ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋال بايقالغان. شۇڭا ھۆكۈمنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە تەجرىبە خادىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم.

نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ، يەنى دەسلەپكى شاللاش باسقۇچى ۋە مۇقىملاشتۇرۇش باسقۇچى.

دەسلەپكى شاللاش باسقۇچىدا، تەكشۈرۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان دىياگنوز قويۇش رېئاكتىپىنى ئىشلىتىپ، دىياگنوز قويۇشتىن چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىمىز. مۇقىملاشتۇرۇش باسقۇچىدا بولسا ئاقسىلغا بەلگە سېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ ئوخشىمىغان گېن رايونىدىكى ئاقسىل بۆلەكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

چېڭدۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللار ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مۇسبەتتىن مەنفىگە ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى يوق. ۋۇزۇنيوۇنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن جوڭسۇۋېي ئېرىشكەن چۈشەنچە ئاساسەن ئوخشاش چىققان. HIV ئانتىتېلاسى ھەرگىزمۇ مۇسبەتتىن مەنفىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدە ساقلانغان جوڭسۇۋېينىڭ قان ئەۋرىشكىسى جەزمەن ئۇنىڭ ئەمەس. خاتالىق، قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەكشۈرۈش-تىزىملاش ئۇچۇرىدا يوچۇق بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مۇسبەت نەتىجە بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەن ئىچىدە يۇقۇملىنىپ بەلگىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەكسىچە مەنفىلىك بولسا ئەيدىز كېسىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىنكار قىلىدۇ ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، مۇھىت،مەشغۇلات،تەجرىبە ئۇسۇلى ياكى بىمارنىڭ ئۆزىنىڭ تەن ئامىلى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاشۇ مۇسبەت بولمىغان كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى مۇسبەت چىقىپ قالىدىغان ئېھتىماللىق بار، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يالغان مۇسبەتلىك دېيىشكە بولىدۇ، بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەۋجۇت.

ۋۇزۈنيوۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر خىلى بولسا تەكشۈرۈش تېخنىكىسى مەسىلىسى، بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئانتىتېلانى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا، بىمار گىرىپتار بولغان باشقا كېسەللىكلەر ئانتىتېلا بىلەن قۇرۇلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددا ھاسىل قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يالغان مۇسبىلىك پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

يەنە بىر خىلى دەسلەپكى مەزگىلدە مۇسبەت دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا يەنە مەنفى چىقىپ قالىدىغان ئەھۋال. بۇنىڭ سەۋەبى يۇقۇملانغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋىرۇس سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، تەكشۈرگەندە ۋىرۇسنى تاپالايدۇ ئەمما ئانتىتېلانى تاپالمايدۇ.

دىياگنوز سانلىق مەلۇماتىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئوخشىمايدۇ، ئون يىل ئاۋۋالقى دىياگنوز مەلۇماتى بىلەن بۈگۈنكى دىياگنوز مەلۇماتى ئوخشاشمايدۇ. بىمارنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتا تۇرۇشى، نەتىجىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

خاراب بولغان يەتتە يىلغا كىم ئىگە بولىدۇ؟

ۋۇزۈنيوۋ ئەپەندىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر قايتا تەكشۈرۈش قىلماقچى بولسا، تېخنىكا جەھەتتە ئانچە قىينىلىپ قالمايدىكەن. ئەيدىز كېسىلى تارقالغاندىن بۇيان، شارائىتى بار تەجرىبىخانىلار مۇسبەت ئەۋرىشكىنى ساقلاپ قويىدۇ. ئون يىل ئاۋۋالقى جوڭسۇۋېينىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىشتا چاتاق يوق ئىكەن.

ئەدلىيە ئارىلاشقان ئەھۋالدا، «خاتا چاپلىنىپ قېلىش» ياكى «يالغان مۇسبىلىك» نى ئېنىقلاشتا، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەن.

ۋۇزۈنيوۋ مۇنداق دەيدۇ: ئالدى بىلەن DNA تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ھازىر ساقلانغان ئەۋرىشكىنىڭ زادى جوڭسۇۋېينىڭمۇ ياكى ئۇنىڭ ئەمەسمۇ شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ھوقۇق مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېنىق بولغان بولىدۇ. ئەگەر راست شۇنىڭ قان ئەۋرىشكىسى بولۇپ قالسا، ئەينى يىلىدىكى قان ئەۋرىشكىسىدىكى مەلۇم ئاقسىلدىن كېلىپ چىققان يالغان مۇسبىلىك بولغان بولىدۇ. ئون يىل قويۇپ قويۇلغاندىن كېيىنكى ئارىلاش ئاقسىلدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇسبىلىكنى، ھازىرقى مەنفىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى بەكلا تۆۋەن.

ھازىر جوڭسۇۋېي چېڭدۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى، سىچۈەن ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ،ئەپۇ سوراش ۋە 2008-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر بارلىق ئىقتىسادى زىيان ۋە روھى زىيان تۆلىمى بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. 2017-يىلى 12-دېكابىر چېڭدۇ شەھەرلىك ۋۇخوۋ رايونى سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان.

2008-يىلى ئەيدىز كېسىلى تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىققاندىن تارتىپ 2015-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، 13 قېتىم تېببىي جەھەتتىن ئەھۋال سورىغاندا ئۇ ھەر قېتىم بارغان. «ئەمما بىر قېتىممۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قان ئېلىنمىغان، ھەرقېتىم ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلغان بولساممۇ بىراق خاتىرە قالدۇرمىغان.» مۇشۇ ئىشمۇ جوڭسۇۋېينى غەزەپلەندۈرگەن ۋە ھەرقايسى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرۈپ قويغان: ئەگەر جوڭسۇۋېي ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن يىل زەھەر چەككەن تارىخى بار بولۇپ، قان-تومۇرلىرى يىگىلەپ كېتىپ قان ئالماق مۈشكۈل بولغان بولسىمۇ، نېمىشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خادىملار ئەھۋالنى سوراپ قويمايدۇ؟ چوڭقۇرراق سۈرۈشتۈرگەن بولسا، بۇ خاتالىق ئاللىبۇرۇن ئايدىڭلاشقان بولماسمىدى؟

2008-يىللىق «HIV ئانتىتېلا مۇقىملاشتۇرۇش تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، جوڭسۇۋېينىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن ئورۇن چېڭدۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى، تەكشۈرگەن ئورۇن سىچۈەن ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئىكەن. ھازىر قان ئەۋرىشكىسىنى ساقلاۋاتقان سىچۈەن ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلار دەرھال جوڭسۇۋېينىڭ 2008-يىلىدىكى قان ئەۋرىشكىسىنى قايتا تەكشۈرگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېيتقان. تەجرىبىخانا پەقەت ئېلىپ كېلىنگەن ئەۋرىشكىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەۋرىشكە تەكشۈرۈش تەرتىپىدە مەسىلە يوقلىقىنى، ھازىرقى مەسىلىگە پەقەت ئەۋرىشكىنى ئەۋەتكەن ئورۇن چېڭدۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

لېكىن مۇخبىرنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن، چېڭدۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى زىيارەتنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغان.

گەرچە دىياگنوز «مۇسبەتتىن مەنفىگە» ئۆزگىرىپ بولغان بولسىمۇ، جوڭسۇۋېينىڭ تۇرمۇشى تېخى ئۆزگەرگىنى يوق. يەتتە يىلدىن بۇيان خاتا دىياگنوز سەۋەبلىك يوقاتقان نەرسىلىرىنىڭ ئورنىنى كىم تولدۇرۇپ بېرەلەيدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg