ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
دېققەت: ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى زۇكامغا ئوخشاپ كېتىدۇ
ۋاقتى : 2018-05-07 16:58:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ھەر يىلى 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى ئېشىش يۈزلىنىشىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى قايسىلار؟

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى

ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلى ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ: جىددىي مەزگىل، ئالامەتسىز مەزگىل ۋە ئەيدىز كېسىلى مەزگىلى، ئوخشىمىغان باسقۇچلارنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. جىددىي مەزگىل

ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىددىي مەزگىلى ئادەتتە دەسلەپ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 2-4 ھەپتە ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى بولسا قىزىش، گال ئاغرىش، ئوغرى تەر چىقىش، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، تېرىگە ئەسۋە چىقىش، بۇغۇملار ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ھەمدە نېرۋا سىستېمىسى ئالامەتلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا زۇكام ئالامەتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىلىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم بىمارلارنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى يېنىك بولغاچقا، 1-3 ھەپتىگىچە داۋاملىشىپ پەسىيىپ قالىدۇ.

 

2. ئالامەتسىز مەزگىل

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتسىز مەزگىلى 6-8 يىلغىچە بولىدۇ، لېكىن قىسمەن بىمارلاردا يەنە تېز تەرەققىي قىلىش ياكى ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئالامەتسىز مەزگىلنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى يۇقۇملانغان ۋىرۇسنىڭ سانى، يۇقۇملىنىش يولى، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئەھۋالى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

3. ئەيدىز كېسىلى مەزگىلى

ئەيدىز كېسىلى دەسلەپ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ، ئاساسلىق ئىپادىلىرى HIV بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئالامەتلەر: ئۇدا بىر ئايدىن كۆپ قىزىش، ئوغرى تەر چىقىش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى %10 دىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىش. قىسمەن بىمارلارنىڭ يەنە نېرۋا روھىي ھالەتلىرىدىمۇ بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، كەيپىياتى سوغۇقلىشىش، مىجەزى ئۆزگىرىش، باش ئاغرىش، تۇتقاقلىق ۋە گومۇشلۇق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى توختىماي ئىشىش ھەمدە ھەر خىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg