ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى
ۋاقتى : 2017-12-17 21:41:58  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى
ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغان كىچىك بالىلاردا دەسلەپتە سوغۇق تېگىش، يۇقۇملۇق زۇكامغا گىرىپتار بولۇش، پۈتۈن بەدەن روھسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شارچە باكتېرىيە يۇقۇمى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئۆسمە بالىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغان كىچىك بالىلاردا دەسلەپتە سوغۇق تېگىش، يۇقۇملۇق زۇكامغا گىرىپتار بولۇش، پۈتۈن بەدەن روھسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. مەسىلەن، تېرە ئاق تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئاسانلا قاپارتما، بەلۋاغسىمان قاپارتما، سۆسۈن رەڭلىك داغ، قانلىق ئىششىق، قانلىق قاپارتما، قانلىق داغلار پەيدا بولىدۇ؛ ئارقىدىن بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ئاستا-ئاستا يۇقۇملىنىپ، 4-3 ئايغىچە سەۋەبسىز قىزىش كۆرۈلىدۇ؛ يەنە يۆتىلىش، نەپەس سىقىلىش، قان تەرەت قىلىش، جىگەر ۋە تال چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ھەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ ۋە نەپەس قىيىنلىنىشىدۇ. كېسەل ئەھۋالى كۆپ ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممە بىماردا كۆرۈلىشى ناتايىن.

20160126.jpg


كىچىك بالىلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى:
1. ئەيدىز كېسىلى كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
كىچىك بالىلار، بولۇپمۇ بوۋاقلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئانچە ئېنىق بىلىنمەيدۇ. بەزىدە مەخسۇس بالىلار بۆلۈمىگە كۆرسىتىلگەندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ. كېسەل تەخمىنەن 12 ئايلاردا قوزغىلىدىغان بولۇپ، 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار يۇقۇملىنىپ 3-2 يىلدىن كېيىن ئاندىن كېسەل قوزغىلىدۇ.
2. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاقلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى ئادەتتە 2.5 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولىدۇ.
3. كىچىك بالىلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى كۆپىنچە بالىلاردا ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، جىگەر بىلەن تال چوڭىيىش، يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يېرىمىدىن كۆپرەك بالىلاردا ئاكسون يامراش خاراكتېرلىك لىمفا تۈگۈنى ئىششىقى ۋە توختىماي قورساق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئۈچتىن بىر قىسىم بالىلاردا قان پلاستىنكىسى ئازىيىش كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر قىسىم بالىلاردا ئېكزېمىسىمان ئەسۋە، قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
كىچىك بالىلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ چوڭلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى:
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلاردا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى سەۋەبىدىن ئېغىر تىپتىكى باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلاردا باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش كۆپ كۆرۈلسە، چوڭلاردا كاپوز ساركومىسى بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ. تەجرىبىخانىدىكى تەكشۈرۈشتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ لىمفا ھۈجەيرىسى سانى نورمال كۆرۈنىدۇ. بۇ چوڭلار بىلەن بالىلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر ئىممۇنولوگىيە كۆرسەتكۈچى.
كىچىك بالىلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەتىرى:
ئەيدىز ۋىرۇسى ئانا تېنىدىكى تىۋىتلىق باش سۈيىدىن ئۆتۈپ، باش سۈيى پەردىسى بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ باش سۈيىدىن ئوزۇقلىنىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۈچەي يولىنى ياكى شىللىق پەردىسىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.
بالا ھەمراھى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر يەڭگىش، ھامىلە قورساقتا تۇرۇپ ئۆلۈپ قېلىش ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىدۇ. بوۋاق ھايات قالغان تەقدىردىمۇ بەدەن شەكلى غەلىتە بولۇپ قالىدۇ ياكى ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
قاپارتما ۋىرۇسى ھامىلىگە يۇققاندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى، بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ شەكلى غەلىتە بولۇپ قېلىش، مېڭە پەردە ياللۇغى، ھامىلىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇش، كاتاراكتا، تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ.
ئادەتتە، كۆپ قىسىم ئەيدىز بوۋاقلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ساق تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ پەقەت 3-2 يىللا ياشىيالايدۇ.

yyyyyyyyy.jpg