ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بالىسىنىڭ مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟
ۋاقتى : 2017-10-27 12:04:45  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

يۇقۇملانغۇچى بالىلىق بولسا بولامدۇ ؟ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار تۇغقان بالىنىڭ تەخمىنەن 1/3 ى يۇقۇملىنىپ تۇغۇلىدۇ . ئەگەر باشقا تەدبىر قوللىنىلسا ، مەسىلەن ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىسا ، دورا بىلەن داۋالىتىلسا ، قورساقنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇلسا ، يۇقۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ . بىراق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بالا تۇغسا يەنە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، شۇ ئانىنىڭ سالامەتلىكى ، بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن . شۇڭا بالىلىق بولماقچى بولغانلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى ، دوختۇرلار ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان باشقا ئاياللار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ ، ئاندىن بالىلىق بولۇش بولماسلىق ئۈستىدە قارار چىقىرىش لازىم .●بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش باقماسلىق مەسىلىسىدە ، شۇ جايدىكى دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم ؛●بوۋاقلار ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلار ۋەھاكازار . كىيىم-كېچەكلەرنى قاينىتىپ دېزىنفېكسىيىلەش لازىم ؛●بالىغا ھەر قېتىم يېمەكلىك بەرگەندە ئىشلىتىدىغان قاچىلار پاكىزە بولۇشى لازىم . (كاۋچۇك ئېمىزگە ، ئىستاكان ۋە قوشۇق) بالىغا يېمەكلىك بېرىشتىن ئىلگىرى قولنى ۋە بالا ئىشلىتىدىغان قاچىنى پاكىز يۇيۇش لازىم . ●دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسىنى ئاڭلاپ ، بالىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئىشلىتىش لازىم .●يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالىلىرى ياكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارغا باشقا نورمال بالىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش لازىم . ئۇلارمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئوينىشى ، مەكتەپتە ئوقۇشى لازىم .●ئەگەر شۇ جايدىكى مەكتەپلەردە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان بولسا ، بالىنى مەكتەپكە بارغۇزماي ئۆيدە ئۆيدە قالدۇرۇپ ، يۇقۇملۇق كېسەل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، داۋاملىق مەكتەپكە ئەۋەتىش لازىم . 

yyyyyyyyy.jpg