ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچ مەزگىلى
ۋاقتى : 2017-10-26 11:54:27  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تاكى شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىق كۆزنەك، يوشۇرۇن ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ:

HIV1.jpg

 

1. كۆزنەك مەزگىلى: بۇ مەزگىل يەنە ئۆتكۈر كلىنكىلىك دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 1 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارىشلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە 50-80% ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېپىراتورىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىسىگە ئەسۋە چىقىش دىگەندەك كىچىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتېتلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتېتلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنفى، يەنى "يۇقۇملانمىغان" بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر يېڭى يوقۇملانغۇچى كۆزنەك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قان تەغدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ-دە، كېيىن شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا خەتەرلىك ھەرىكەت (ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دىگەندەك) بىلەن شوغۇللانغاندىمۇ قارىشى تەرەپكە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.
(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئادەم ئىممونىت سېستىمىسى بەدەنگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىمىغانلىقتىن، CD4 ھۈجەيرىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئاندىنCD4 ھۈجەيرە ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتۈپ، يوشۇرۇن مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.)

2. يۇشۇرۇن مەزگىل:بۇ مەزگىل يەنە ئالامەتسىز دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6-10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر ياخشى كۈتۈلسە، كۆپ روھى بېسىم بولمىسا 15، ھەتتا 20 يىلغىمۇ ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ۋىرۇسقا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئادەم ئىممونت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆرەش قىلىش جەريانىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋىرىدۇ. مۇشۇ 6-10 يىل جەريانىدا زۇكامداش، قىزىپ قېلىش ياكى قۇرسىقى ئاغرىش دىگەندەك كىچىك كېسەللكلەر كۆرىلىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنداق ئالامەتلەر ساغلام ئادەمدىمۇ كۆرىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىمۇ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسىنى ئۆزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.
(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشى بىلەنCD4ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ-دە، بىر پۈتۈن ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.)

HIV2.jpg


3. كېسەللىك مەزگىلى: تەخمىنەن 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممونت سېستىمىسىنى تەلتۆكۈس دىگۈدەك بۇزغان مەزگىل بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسى ئاجىزلىغان سەۋەبلىك ھەرخىل پۇرسەتلىك كېسەللەر، مەسلەن: ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركىليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دىگەندەك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ھەرخىل ئۆسمىلەر (راك) پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممونت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەن باشقا خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسى كېسىلى بار- يوقلۇقى، زەھەر چىكىش- چەكمەسلىكى، روھى ھالىتى ۋە شۇنداقلا ئەتىراپتىكى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ياخشى كۈتۈلسە، روھى كۆتىرەڭگۈ ۋە خۇشال يۇرسە، بۇ مەزگىلنىمۇ ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇپ مەزگىلگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.
(قوشۇمچە: ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىر يىلدا تەخمىنەن 50دانە CD4ھۈجەيرىسىنىيوقىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەسلەپتە مىڭ دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دىسەك، 12ئايدىن كېيىن 950دانىسى قالىدۇ. يەنە 12ئايدىن كېيىن 900دانىسى قالىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىساق 500دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دېسەك بۇ ئادەمنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئوتتۇرھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. پەقەتلا 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا بۇئادەم ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقمۇ بىر قەدەر زور بولۇپ بەلكىم بىرسى 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل قوزغىلىشقا باشلىسا، يەنە بىرىسى 20دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ يەنە كېسەل قوزغالماسلىقى مومكىن. )

HIV3.jpg 

yyyyyyyyy.jpg