ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر
ۋاقتى : 2017-10-07 23:20:02  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر

ئەيدىز كېسىلىنى كۆپىنچە كىشىلەر ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ، ئەيدىز كېسىلى بىر خىل جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، يۇقۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇنداقلا يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللىك. شۇڭلاشقا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:


aaaa.jpg


ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى
1. جىنسىي ئەدەپ - ئەخلاققا رىئايە قىلىڭ، ئۆز قەدىر - قىممىتىڭىزنى ساقلاپ پاك ياشاڭ، زىنا قىلماڭ، نىكاھ سىرتىدا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماڭ.
2. بولغۇسى جۈپتىڭىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغان ياكى يۇقتۇرمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، نىكاھتىن بۇرۇن چوقۇم ساغلاملىقنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
3. كوندوم (ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسى) ئىشلىتىشنى ئۇنتۇماڭ، مەنىي سۇيۇقلۇقى، سۈيدۈك، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ياكى قاننىڭ بەدەنگە كىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
4. جىنسىي جورىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىدىن گۇماندار بولسىڭىز، ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇڭ، بۇ جەرياندا ئەڭ ياخشىسى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن قول ئۈزۈڭ.
دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقتۇرۇۋېلىشتىن، يەنى قان بېرىش ۋە بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل يىڭنىسى سەۋەبلىك يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى
1. يىڭنە - ئوكۇللارنى ئورتاق ئىشلەتمەڭ، ئوكۇل قويغاندا، ئاسما ئوكۇل سالغاندا، شۇنداقلا بالىلارغا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلى سالغاندا، چوقۇم ھەر بىر كىشىگە ئايرىم - ئايرىم يىڭنە - ئوكۇل ئىشلىتىڭ، بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش تەلىپىگە ئەمەل قىلىڭ.
2. قان تەقدىم قىلغاندا، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىڭ، قانۇنىي رەسمىيىتى يوق نۇقتىلارغا بارماڭ.
3. قان سالدۇرۇش زۆرۈر بولمىسا ئامال بار قان سالدۇرماڭ، قان سالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قاننى سالدۇرۇڭ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان قان مەھسۇلاتلارنى سالدۇرماڭ.
4. تازىلىقى ناچار، دېزىنفېكسىيە خىزمىتى ياخشى ئەمەس ئامبۇلاتورىيەلەرگە، دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل سالدۇرماڭ، چىش تارتقۇزماڭ، يىڭنە سالدۇرماڭ ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرماڭ.
5. ھەرقانداق ئۇسۇلدا زەھەر چەكمەڭ، ئەگەر مەرەز يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى تاشلىۋەتمىگەن بولسىڭىز، باشقىلار بىلەن ھەرگىزمۇ ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلەتمەڭ.
ئانىدىن بالىغا يۇقتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن ياكى ئەيدىز بىمارى بولسىڭىز، ھامىلىدار بولۇشتا ئېھتىيات قىلىڭ، چۈنكى بالا ھەمرىيى ئارقىلىق بالىغا يۇقتۇرۇشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلساڭ. بالا تۇغۇلغان بولسا، ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتمەڭ.
ئالدىنى ئېلىشتىكى باشقا تەدبىرلەر
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېنىدىن چىققان سۇيۇق ئاجراتمىلار، قېنى ھەمدە چىقىندىلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى، بىمارلىرىنىڭ چىقىندىلىرى، قان - زەردابلىرىدىن بۇلغانغان نەرسىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىڭ.
ئۇستىرا، چىش چوتكىلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئىشلەتمەڭ.
تازىلىقى ناچار، دېزىنفېكسىيە قىلمايدىغان ساتىراشخانىلارغا كىرمەڭ.
دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان يىڭنىدە قۇلاق تەشكۈزمەڭ.
مۇنچىلاردا قاداق پىچىقىنىڭ دېزىنفېكسىيەسى راۋرۇس بولۇشى كېرەك.
جىنسىي كېسىلى بارلار دەرھال ھەم تەلتۆكۈس داۋالىنىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىمى جىنسىي ئادەتكە ئېتىبار بېرىش لازىم، ئۆز ساغلاملىقىڭىز، ئائىلە ئىناقلىقى ۋە بەختى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىپ، جىنسىي نەپسىڭىزنى تىزگىنلەڭ، ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇرۇڭ.
ساقلىقنى ساقلاش ژورنىلى 2015-يىل 1 -سانىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg