ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
كۆزنەك مەزگىلى توغرىسىدا
ۋاقتى : 2017-10-07 23:15:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

fe871be1094ea904d2330ad23289d899.jpg

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر!
‏ كۆزنەك مەزگىلى توغرىسىدا سۆز قىلماقچىمەن. دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈش (يەنى ئانتىتىللانى)كۆزنەك مەزگىلى 1992 -يىلى ئۈچ ئاي قىلىپ بىكىتكەن، ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككىنچى ئەۋلات ئۈسكىنە ئىشلىتىلەتتى.
‏ ئەگەر سىز خەتەرلىك مۇناسىۋەتتە بولغان بولسىڭىز، شۇ كۈندىن باشلاپ ھىسابلاپ 6 ھەپتىدە بىر قىتىم، 8 ھەپتىدە بىر قىتىم، 3 ئايدا بىر قىتىم تەكشۈرۈتۈڭ، ئەگەر ھەممىسىدىلا مەنپى چىقسا بۇ سىزنىڭ يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
‏ھازىر تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى تەرەققى قىلىپ كۆزنەك دەۋرى 3- ئەۋلاتتا 8 ھەپتە، 4-ئەۋلاتتا 6 ھەپتە بولدى. ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىۋاتقانلىرى ئاساسلىقى 3-ئەۋلات، ئاز بىر قىسىم رايۇنلاردىلا 4-ئەۋلات، شاڭخەيدىكى بەزى شىركەتلەردە پەقەت بىر ھەپتىدىن كىيىنلا بىلگىلى بولدىغان بولدى.
‏ ئەگەر سىز كۆپ يىل زەھەر چەككەن بولسىڭىز ياكى چوڭ ئوپراتسىيە قىلىنغان بولسىڭىز، كۆزنەك ۋاقتى 3 ئاي بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە تېخى ئىككى ئايىدىن كىيىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن مىسال يوق.
‏ دىققەت قىلشىڭىز كىرەككى، مۇسبەت چىققىنى ھەرگىزمۇ سىزنى چوقۇم يۇقۇملاندى دىگەنلىك ئەمەس، چۈنكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىمۇ خاتالىق كۆرىلىدۇ، لىكىن بۇ نىسبەت ناھايىتى تۆۋەن.
yyyyyyyyy.jpg