ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
دورىلىنىش ئىزچىللىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ۋاقتى : 2017-09-26 23:35:07  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

aids yukux yolliri.jpg

95% دورىلىنىش ئىزچىللىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرىدىغان جەريان، بىمارنىڭ ئىزچىللىق بىلەن دورىلىنىشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەمما ۋاقتىدا ياكى قانۇنىيەتلىك دورا ئىچمىگەندە، ۋىرۇسنىڭ دورىغا بولغان چىدامچانلىقىنىڭ ھاسىل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس دورىنىڭ يۈكسەكلىكى تۈۋەن پەيتتىن پايدىلىنىپ، زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. شۇڭلاشقا، ياخشى بولغان دورىلىنىش ئىزچىللىقى ۋىرۇسنىڭ دورىغا بولغان چىدامچانلىقىنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ساقلايدۇ، ۋىرۇسقا قارشى دورىنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ.

نۆۋەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشقا بولغان دورىلىنىش ئىزچىللىقى تەتقىقاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، دورىلىنىش ئىزچىللىقى يۇقىرى بولغان يۇقۇملانغۇچىلاردا، ئەيدىز ۋىرۇسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن ۋە بىرقەدەر ياخشى بولغان كلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلگەن.

دورىلىنىش ئىزچىللىقىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرى

دورىلىنىش ئىزچىللىقى (%)            ۋىرۇس مىقدارى < 50 cps/ml (%)
95 تىن يۇقىرى                                                 81
95~90                                                           64
90~81                                                           50
80~70                                                           25
70 تىن تۈۋەن 6

شۇڭلاشقا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندىمۇ دورىلىنىش ئىزچىللىقىنىڭ %95 تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. %95 دورىلىنىش ئىزچىللىقى دېگىنىمىز، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئايدا دورىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش قېتىم سانى بىر قېتىمدىن كۆپ بولۇشقا بولمايدۇ، دېگەنلىك.

yyyyyyyyy.jpg