ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
ۋاقتى : 2017-09-26 23:32:07  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

u=1798948562,1413237386&fm=21&gp=0.jpg

ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ ، ئادەتتە شامالداپ قېلىش ، تارقىلىشچان زۇكام، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، ئورۇقلاپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. مەسىلەن، تېرە يۇقۇملىنىش، بەدەندە قاپارتما، قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق. شۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئىچكى ئەزالىرىغا تەسىر قىلىپ، 3 ~ 4 ئايغىچە قىزىيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يۆتىلىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، جىگەر بىلەن تال ئىششىيدۇ ھەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، ھەرقانداق بىر ئاغرىقتا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلمەيدۇ. ئۆپكە زىيانغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر؛ ئاشقازان، ئۈچەي زىيانغا ئۇچرىغاندا ئاسانلا دائىملىق ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، ياداپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر؛ قان تومۇرلار زىيانغا ئۇچرىغاندا يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg