ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى
ۋاقتى : 2017-09-14 16:22:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

1. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇققاندىن كېيىن ھېچقانداق كىلىنكىلىق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت قان ئارقىلىقلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەخمىنەن %90 ئادەم ئەيدىز ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر گىرىپتار بولمايدۇ. بىراق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن، كېسەللىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ياكى يارىلانغان ئەھۋاللاردا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
2. ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىكلەر: بىمارنىڭ چات يېرىقىدىكى لىمفا تۈگۈنىنىڭ سىرتىدا سەۋەبسىز ئىششىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا قىزىش، چارچاش، ئىشتىھاسىزلىق، ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرۈش، كېچىدە قارا تەرگە چۆمۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ئىككىسى بايقالسا، ئۇنىڭغا «ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىكلەر» گە گىرىپتار بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ باسقۇچتا توختاپ قالىدۇ، يەنە بەزىلەر رەسمىي ئەيدىز بولۇپ قالىدۇ.