ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىمارى بىلەن بولغان پەرقى نېمە ؟
ۋاقتى : 2018-02-18 00:29:27  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

fe871be1094ea904d2330ad23289d899.jpg

  ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئەيدىز كېسىلى بىمارى مەيلى بەدىنىدە ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگەن ھالىتى ، بەدەن سالامەتلىك ئەھۋالى جەھەتتە بولسۇن ئىنتايىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ .ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرىشى بىلەنلا ، ئادەم بەدىنى ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىدۇ . ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنى ئىچىدە كۆپىيىشىگە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ . شۇڭا ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن «ساقايماس كېسەلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان» ھېسابلانمايدۇ . باشلىنىش باسقۇچىدا ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممونىتېتلىق ئىقتىدارى تېخى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان بولىدۇ . شۇڭا كېسەللىك ئالامىتى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ . بۇ چاغدا ئۇلارنى ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى دەپ ئاتايمىز ، بەزى يۇقۇملانغۇچىلاردا دەسلەپكى دەۋردە يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش ئىپادە كۆرۈلىدۇ . مەسىلەن : قىزىتما بولۇش ، مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىش ۋە تېرىسىگە ئەسۋە ئۆرلەش قاتارلىقلار . بىراق بۇ خىل ئىپادىلەر كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ ، ھەمدە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق ئىپادىلەر كۆرۈلۈۋەرمەيدۇ . بۇ چاغدا يۇقۇملانغۇچى سىرتقى كۆرۈنۈشتە نورمال ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ ، خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ .يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممونىتېتلىق ئىقتىدارى ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغاندا ، بەدەن ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ . بۇ چاغدا باشقا كېسەللىك باكتېرىيىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ ، ئادەمدە كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن : ئېغىر ھالدىكى ئىچى سۈرۈش ، ئۆپكە ياللۇغى ، ھەزىم قىلىش يوللىرى شەلۋەرەش ياكى راك كېسىلى قاتارلىقلار . يەنە بەزى بىمارلاردا دېۋەڭلىك قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ . بۇ باسقۇچقا كىرگەندە ، يۇقۇملانغۇچى بىمارغا ئايىنىدۇ . ئەيدىز كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىن ئىپادىسى تۈرلۈك بولىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا بىمار ئېغىر ھالدىكى ئىچى سۈرۈش ، ئۆپكە ياللۇغى ، راك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ .پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئەيدىز كېسىلى بىمارىغىچە تەرەققىي قىلىشقا نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇملىنىش يولى ، بەدەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا ، ئىقتىسادىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ، بەزى يۇقۇملانغۇچىلار دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن بىر-ئىككى يىل ئىچىدىلا كېسەللىك قوزغىلىدۇ . بەزىلىرى سوزۇلۇپ ئون نەچچە يىلدا كېسەللىك قوزغىلىدۇ . پائال تۈردە تېببىي ئىلىمىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ، ئوزۇقلىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش قاتارلىقلار كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنى كېچىكتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .

yyyyyyyyy.jpg