ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش: «پىۋا قورساق» نېمە ئۈچۈن راك خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؟
ۋاقتى : 2018-02-20 00:31:24  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27-ئاپرېل تېلېگراممىسى: كىشىلەر سېمىزلىكنىڭ راك خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، «پىۋا قورساق» شەكلىدىكى قورساقتا ماينىڭ يىغىلىۋېلىشى راك خەتىرىنى ئاشۇرۇېتىدۇ. بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، قورساق قىسمىدىكى ماي قاتلىمى قويۇپ بېرىدىغان بىر خىل ئاقسىل نورمال ھۈجەيرىنىڭ راك ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن، قورساقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىچكى ئەزا ماي قاتلىمىنىڭ راك كەلتۈرۈپ چىقىرىش رولى تېرە قاتلىمىدىكى ماي قاتلىمىدىن كۈچلۈك بولىدىكەن.
سېمىزلىكنىڭ نۇرغۇن تۈردىكى راك كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن: سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، مەزى بېزى راكى، بالياتقۇ راكى ۋە بۆرەك راكى قاتارلىقلار. بىر تەتقىقاتتا مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى باھالاش جەھەتتە، قورساق قىسمىغا يىغىلغان ماينىڭ دەرىجىسى بەدەننىڭ پۈتۈن قىسمىدىكى سېمىزلىك ئەھۋالى بىلەن تەڭ كېلىشى مۇمكىنكەن. قورساق قىسمىدىكى ماي كۆپ مىقداردا تالا ھۈجەيرىسىنى كۆپەيتكۈچى 2 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىدىكەن، بۇ خىل ئاقسىل نورمال ھۈجەيرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، راك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئىچكى ئەزا ماي قاتلىمى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ خىل ئاقسىل تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن.
بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، قورساق قىسمىغا يىغىلغان ماي چوقۇم بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى، كىشىلەر تاماق مىقدارىنى ئازايتىش ياكى چېقىنىش ئارقىلىق قورساق قىسمىغا يىغىلغان ماينى ئازايتىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەككەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە تەتقىقاتچىلار بۇ خىل راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقسىلدىن پايدىلىنىپ راكقا تاقابىل تۇرىدىغان دورا تەتقىق قىلىپ چىقىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى

 yyyyyyyyy.jpg