ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ
ۋاقتى : 2017-01-17 11:30:03  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

 قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ

 

«مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە سىز ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ۋاقىتلىق ھەمراھىڭىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىزمۇ؟» ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈشتە، %43.6 ئادەم ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق ھەمراھلىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، «سىز ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ۋاقىتلىق ھەمراھىڭىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە گاندون ئىشلىتەمسىز؟» ناملىق تەكشۈرۈشتە چوقۇم ئىشلىتىدىغانلار نىسبىتىنىڭ زىيارەت قىلىنغانلار ئىچىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئاران %48.3 بولغان. بۇنىڭدىن تەكشۈرۈلگەن كىشىلەر ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەقىقىي «خەتەرلىك» ئادەملەر توپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

بىراق، گاندون ئىشلەتتىم دەپلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟ گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 1-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن شيېجيې: «ئالدى بىلەن دوختۇرلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم <قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش> كە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك» دېگەن. «قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش»نىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇپ قېلىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە گاندوننىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ناۋادا بىرەر ئېھتىماللىق يۈز بېرىپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

سۇيۇقلۇق ئارقىلىق يۇقۇش ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق يول. ناۋادا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بىر تەرەپتە ئەيدىز كېسىلى بولسا ئۇنىڭ ئىسپېرمىسى ياكى ئىچكى ئاجراتمىلىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولىدۇ. گاندون مەلۇم جەھەتتە ئالدىنى ئېلىش رولى ئوينىيالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا %100 ئىشەنچ قىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. 

جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ قويىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلى بولغانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باققانلار بولۇپ، ھەممىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆزىدە بۇنداق ۋىرۇس مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي كەلمەكتە. بىراق، ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ھەمدە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، ھەتتا دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىمۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى نورمال ئىكەنلىكى، بەزىلىرى جىگەر ياللۇغى، بەزىلىرىگە ئۆپكە تۇبركليۇز دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

«ئەيدىز كېسىلىدىن قورقىدىغانلار»نىڭ كۆپ قىسىمى بىلىمى ۋە كىرىمى يۇقىرى كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر «خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت» ئۆتكۈزگەندىن كېيىن توردا ماتېرىيال تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى «ئەيدىز كېسىلىدىن قورقىدىغانلار» دەپ ئاتايمىز؟

ئالدى بىلەن، بۇ بىمارلار ئىچىدە قىزىغانلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 37.4-37.8 سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىدا بولۇپ، كۆرۈنەرلىك قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ؛  بۇ توپقا تەۋە كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۇدا تۆۋەنلەپ كەتكەندە  ئۇزۇن مۇددەت جىددىيلىشىش، ئەنسىرەش، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش، قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولغان دەپ قارىۋالىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى ئەيدىز كېسىلى ئۇزۇن مۇددەت يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بىر يىل، بەزىلىرىنىڭ 10 نەچچە يىل بولىدۇ. بىراق، بۇنداق كىشىلەر خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بىر ئايدىن 2 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە ئۆزىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئېيتىدۇ.