ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئانىلار ئەيدىزنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك
ۋاقتى : 2017-01-07 16:03:34  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

ئانىلار ئەيدىزنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

تېكىستكە كىرىش: ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يولدىكى ئاجرالمىسى، سۈتى، شۆلگىيى، كۆز يېشى ۋە سۈيدۈكى قاتارلىقلاردىكى ۋىرۇسلاردىن يۇقۇيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قان سۇيۇقلۇقى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقى دەلىللەنگەن.
نۆۋەتتە تېخى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا يوق، شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتۇر. تۆۋەندە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەتتە خىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:
1.ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئىپپەت-نومۇسىنى ساتماسلىق، نىكاھتىن بۇرۇن ۋە نىكاھتىن سىرت جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق؛
2. زەھەرلىك چېكىملىككە قەتئىي يېقىن يولىماسلىق، ئوكۇل سالغۇچنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك؛
3. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قان سالدۇرماسلىق ۋە قان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكدە ئىشلىتىش؛
4. چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ، ئۇستىرا قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى ئارىيەتكە ئالماسلىق؛
5. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ۋە بالا ئېمىتىشتىن ساقلىنىش؛
6. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسى ئىشلىتىش جىنسىي تۇرمۇشتىكى جىنسىي كېسەللەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرنىڭ بىرسىدۇر؛
7. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى، ئىسپېرمىسى، سۈتى ۋە سۈيدۈكى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭ يۇقۇش يولىنى تولۇق ئۈزۈپ تاشلاش.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل ھەر قېتىملىق جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسى ئىشلىتىش. شۇڭا، بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدە بەزى مەكتەپ ۋە تەشكىلاتلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدۇ. بىراق، زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دانە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسى ئىشلەتسە، ئۇنىڭ ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئوكۇل سالغۇچنى باشقىلار بىلەن قەتئىي ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋا، يېمەكلىك، سۇ قاتارلىقلار بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئادەتتىكىدەك ئۇچرىشىشتىن يۇقۇمايدۇ. ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقۇش يولىنى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق تامامەن ئۈزۈپ تاشلىغىلى ۋە توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.

ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنى قانداق توسۇش كېرەك؟
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، بوشانغان ۋاقتىدا ياكى ئېمىتىش ۋاقتىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى بوۋاققا يۇقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ ئەيدىزنىڭ «ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشى»دېيىلىدۇ. ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشتىن ئەيدىز بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمى 3 ياشتىن بۇرۇن قازا قىلىپ كېتىدۇ.ھالبۇكى، «ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشنى توسۇش»دېگىنىمىز، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىش، بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىش شۇنداقلا سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇبادا، دورا ئىشلىتىلگەن بوۋاق تۇغۇلۇپ 18 ئايدىن كېيىن كېسەلگە HIV قارشى تۇرغۇچى تەننىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكى بايقالسا، بۇ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشنى توسۇشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
كونكرېت تەدبىرلەر تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدار بولۇپ 3 ئاي بولغان ۋاقىتتا (28 ھەپتە) ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشنى باشلاش، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانا ۋە بوۋاق دورا ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. چۈنكى ئاندىن بوۋاققا يۇقۇش بوشىنىش مەزگىلىدە ئەڭ ئاسان يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بوشىنىش ۋاقتىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى يۇقۇش خەتىرى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ، ھالبۇكى، ئەڭ خەتەرلىك مەزگىل بوشانغان ۋاقىتتۇر. گەپنى قىسقىسى، مۇبادا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا ئانا تېنىدىكى ۋىرۇسنى تۆۋەنلىتەلىسە، ئۇنداقتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشى خەتىرىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.
2. تۇغۇت بۆلۈمىدە تىزگىنلەش، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش
3. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغان ئايال ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىنى ئۆزى ئېمىتمەسلىكى كېرەك، سۈپىتى ياخشى ۋە بىخەتەر بولغان ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدىكى بۇيۇملارنى تاللاپ ئىشلىتىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەيدىزنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن ئانا سۈتىدىن يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى زۆرۈردۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، تۇغۇتتىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە تۇرمۇشتا ئانىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بوۋاقنىڭ قايتا ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن، ئانا ئائىلە ئىشلىرى قىلغاندا ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىسى زەخىملىنىپ قان چىقسا، قان سۇيۇقلۇقى ھەتتا يارا ئېغىزىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئالدىنى ئالغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ.