ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن
ۋاقتى : 2017-01-05 15:50:02  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزى توردا سوئال چىقىرىش ئارقىلىق، 35 ياشتىن تۆۋەن 2002 نەپەر ياشقا قارىتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتە %65.3 ياش ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىم تەكشۈرۈلگەنلەر 15 ياشتىن تۆۋەنلەر، 24-15 ياش، 35-24 ياش قاتارلىق 3 بۆلەككە ئايرىلغان. نەتىجىدە، 35-15 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار توغرىسىدىكى بىلىمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يېقىنلىشىدىغانلىقى، سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، 15 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئەيدىز كېسلىگە بولغان تونۇشىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز، جاۋابىنىڭ چېچىلاڭغۇ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلار ئىچىدىكى %65.3 ئادەم ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدىكى %90 ئادەم ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت (%90.8)، قان (%92.3) ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى، %74.7 ئادەم ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، 15 ياشتىن تۆەنلەر ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىنى جىنسىي مۇناسىۋەت (%35.7)، قان (%39.3) ئارقىلىق يۇقىدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ %40 كە، ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ %20 كە يەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئەيدىز كېسىلىنى راستىنلا چۈشىنەمسىز؟
ئەيدىز كېسىلى يۇقۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان خەتەرلىك كېسەل بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى HIV) ۋىرۇسى) بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. HIV ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل كېسەللىك ۋىرۇسى. ئۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدىغان T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
نەتىجىدە، ئادەم بەدىنى ئاسانلا ھەرخىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ، بەدەندە يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە شەكىللىنىدۇ ۋە بۇ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە يوشۇرۇن تۇرۇش مۇددىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9-8 يىل بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى سېزىلمىگەن ھالەتتە ئۇزۇن يىل ياشىغىلى بولىدۇ.
گەرچە نۇرغۇن تىببىي تەتقىقاتچىلار زور كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالايدىغان ھېچقانداق دورا ياكى ئالدىنى ئالىدىغان ھېچقانداق ۋاكسىنا ياساپ چىقالمىدى.