ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
باي ناھىيىسىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى
ۋاقتى : 2016-08-31 18:35:17  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ

باي ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە سۆلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

 

 

 

 

 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسى مەخسۇس ئەۋەتكەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئاقسۇ شەھرى، ئونسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى قاتارلىق شەھەر-ناھىيىلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 


باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل، سايرام، توقسۇن، ياتۇر، كانچى، مىچىغ، ئونباش، چوڭ كۆۋرۈك قاتارلىق يېزا-بازارلىرىنىڭ ھەر بىرسىدە ئىككى مەيداندىن، ياقىرىق بازىرى بىلەن باي بازىرىدا ئۈچ مەيداندىن، باي ناھىيەلىك كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىر مەيداندىن، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى زالىدا ئىدارە-ئورگان خىزمەتچىلىرىگە بىر مەيداندىن لېكسىيە سۆزلىنىپ، ئىدارە-ئورگان خىزمەتچىلىرى، بازار ئاھالىلىرى، دېھقان ئاممىسى، تىجارەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاڭلاشقا قاتناشتى.

 

 

 

 

لېكسىيەدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ روھى، جىسمانىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ئاقىۋەتلىرى، قان ئارقىلىق يۇقۇش يوللىرى، جىنسى مۇناسىۋەت جەھەتتىكى تارقىلىش ئەھۋاللىرى، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى، گاندۇن ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قاتارلىق تەرەپلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بولۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ نىكاھقا تۇتقان پۇزىتىسيەسى بىلەن نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان جىنسى ئالاقە ئەھۋالىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلۇپ تەكىتلەندى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


لېكسىيە ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلاردىن سۇئاللار سورۇلۇپ، جاۋاپ بەرگۈچىلەرگە دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان كۈندۈلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى مۇكاپات ھېسابىدا تارقىتىپ بېرىلدى. سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى بىلەن كىشىلەرنىڭ جاۋاپ بىرىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. شۇنداقلا سۇئال سورىغانلارغىمۇ مۇكاپات بىرىلگەچكە كىشىلەرنىڭ سۇئال سوراش ئاكتىپلىقىمۇ بەك ياخشى بولدى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 


ھەر بىر مەيدان لېكسىيەدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسىدا مەخسۇس بىر بەت ئىشلەنگەن "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى"دىن ئون پارچە ئەتراپىدا لېكسىيە تەشكىللىگەن مەسئۇل كىشىگە تارقىتىپ بېرىلدى.
باي ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ تەشكىللىشى بىلەن لېكسىيە كۈنىگە تۆت مەيداندىن ئېلىپ بېرىلىپ، (ئەسلىدە 2-كۈنىدىكى ياقىرىق بازىرىدىمۇ ئىككى مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سايلامغا كەلگەن 800 دىن ئارتۇق دېھقان ئاممىسىغىمۇ تەلەپ بىلەن بىر مەيدان سۆزلىنىپ، شۇ كۈنى بەش مەيدان سۆزلەندى) جەمئىي 25 مەيدان لېكسىيە سۆزلىنىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قىزغىن چاۋاكلىرى ياڭراپ تۇرغان ھالدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.