ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
يىلىك ئەيدىز ۋىروسىنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنىمۇ؟
ۋاقتى : 2016-02-23 12:45:30  مەنبەسى : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى  يوللىغۇچى : يارپ

يىلىك ئەيدىز ۋىروسىنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنىمۇ؟


ئامرىكا مىچىگان ئۈنۋىرىستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى شۇنى بايقىدىكى،ئادەم تېنىدىكى ئەيدىز ۋىروسى يىلىك ئىچىگە يوشۇرۇنىۋېلىپ ھەر خىل ۋېروسقا قارشى دورىلارنىڭ ”قوغلاپ ئۆلتۈرىشى“دىن ساقلىنىدىكەن.پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ھامان يوشۇرۇنۇپ ياتقان ۋىروسلار ئاكتىپلىشىپ،بېماردا ئەيدىز ۋە باشقا ئەگەشمە كىسەللىكلەرنىڭ قوزغۇلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.بىراق بۇ يىلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئەيدىز ۋىروسىنى تۈپتىن يوقۇتىدىغان ئۈنۈملۇك ئۇسۇل تېخى تېپىلغىنى يوق.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ”تەبىئەت“(ئېلىم-پەن)ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا،يىلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئەيدىز ۋىروسى يىلىك ھۆجەيرىسىنى يۇقۇملاندۇرغاندىن كېيىن،يىلىك ھۆجەيرىسى ئىچىدە ”ئۇيقۇ ھالىتىدە“تۇرىدىكەن. يىلىك ھۆجەيرىلىرى يىتىلىپ ئادەم تىنىدىكى قان دانىچىلېرى (قان ھۆجەيرىسى)گە ئايلانغان ھامان ئەيدىز ۋىروسى ئاكتىپلېشىپ قايتېدىن ئادەم تىنىدە پارازىتلىنىدىكەن.بۇ پارازىتلانغان ئەيدىز ۋىروسى ئالدى بىلەن ئۆزى پارازىتلىنىۋاتقان قان ھۆجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈپ،ئاندىن داۋاملىق ھالدا باشقا ساغلام ھۆجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدىكەن.يوقۇرىقى بايقاش ئادەم تېنىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى يوقۇتۇشتا ناھايىتى مۇھىم بىر يۆنۈلۈشنى كۆرسۈتۈپ بەردى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىلاردا زور ئېلگىرلەشلەر بولۇپ،ئەيدىزدىن ئۆلۈش نېسبىتى زور دەرجىدە تۆۋەنلىدى.ئەمما ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلار بىر ئۆمۈر دورا ئىچىشكە توغرا كىلىدىغان بولۇپ،ناۋادا داۋالاش مەزگىلىدە دورا ئىچىشنى توختۇتۇپ قويغاندا ئىلگىرىكى ئەجرىمىز بېكارغا چىقىدۇ.بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ دورا يىلىكتىكى يوشۇرۇنۇپ تۇرىۋاتقان ئەيدىز ۋىروسىنى تولۇق ئۆلتۈرۈپ بولالمىغانلىقتىندۇر.ناۋادا ئادەم تىنىدە يوشۇرۇنغان ئەيدىز ۋىروسىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلغاندا،يۇقۇنلانغۇچى دورىنى توختاتقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ساغلام ھالەتنى ساقلاپ قالالايدۇ.
نۆۋەتتە بىر قەدەر ئۈنۈملۈك بولغان ئەيدىزنى داۋالاش مەھسۇلاتلىرىدىن تەتۈر نۇسخىلىنىدىغان ۋىروسقا قارشى دورىلاردۇر.
بۇ خىل دورا ئىنسانلار تىنىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى زور دەرجىدە تۆۋەنلىتىپ،كىشىلەرنى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاشتىن باشقا يەنە ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇمچانلىغىنى تۆۋەنلىتىپ،ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىدۇ.
ھەتتا بەزىلەر، بۇ دورىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا 40يىل ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ساقىيىدىغانلىقىدا ئۈمۈت بار دەپ پەرەز قىلىشماقتا.