ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش كىلىپ چىقامدۇ؟
ۋاقتى : 2015-10-14 12:59:35  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش كىلىپ چىقامدۇ؟


ئەيدىز ۋىرۇسى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاجىز. ئەيدىز دىگەن سۆزنى ئيتقان ۋاقتىمىزدا كىشىلەر دائىم ئىنتايىن قورقۇنۇچ ھېس قىلىدۇ، بەزى كىشىلەر شۇ تۈپەيلى ئەگەردە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئەيدىز يۇقۇمدارى يۇيۇنغان بولسا، ئۆزى كىرىپ يۇيۇنسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ دەپ ئويلايدۇ. زادى راستىنلا مۇشۇنداق بولارمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسىسلەر ئېنىق قىلىپ جاۋاپ بەردى: ئۇنداق بولمايدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت ئادەم بەدىنىدىلا ياشىيالايدۇ، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ناھايىتى ئاسانلا ئۆلۈپ قالىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تاشقى مۇھىتتا ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. تىمپىراتۇراغا ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، 50 سىلسىيە گىرادۇستا 30 مىنۇتتىلا ئۆلۈپ قالىدۇ، گىرادۇس قانچە يۇقۇرى بولسا ئۇنىڭ ياشاش ۋاقتىمۇ شۇنچە قىسقا بولىدۇ: نۇرغۇنلىغان خېمىۋىيەلىك ماددىلار ئۇنى ئاسانلا يوقىتىۋېتەلەيدۇ، %20 ئىسپىرىت، %2.5 ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارغا پەقەت 5 مىنۇت چىلاپ قويغاندىلا، ۋىرۇس تەلتۆكۈس ئۆلۈپ تۈگەيدۇ؛ بىز تاماق يىگەندە ئىشلىتىۋاتقان ماي،تۇز،ئاچچىقسۇ ۋە ئاشقازاندىكى ئاشقازان سۇيۇقلىقى ھەممىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوقىتىۋېتەلەيدۇ؛ ھېچ قانداق يېرىدە زېدە بولمىغان تېرە بولسا دەل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى توسالغۇدۇر.
پەقەت قارا ئورانگىتان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنالايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ھايۋانات ۋە ھاشارەت ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ، شۇڭا ئائىلىدە باقىدىغان ئەرمەك ھايۋانلار، مال چارۋىلار ياكى پاشا، سېركە قاتارلىق ھاشارەتلەر چېقىۋالغانغىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملۇنۇپ قېلىش خەتىرى يوق.
گەرچە بىر ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە تېرىسى زەخمىلىنىپ قان چىقىپ كەتكەن تەقدىرىدىمۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ۋىرۇس يەنىلا باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرالمايدۇ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى سۇ ئىچىدە بىر مىنۇتتىن ئارتۇق ياشىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سۇ ئىچدە تارقىلىپ كېتىشى ئىنتايىن تىز، بۇنىڭغا قارىغاندا، سىزنىڭ بىر زەرىچە ۋىرۇس بىلەن ئۇچۇرىشىش پۇرسىتىڭىزمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق بىر يۇقۇملىنىشقا مەلۇم مىقداردىكى باكتىرىيە بولغاندا ئاندىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭىلاشقا، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە بۇنداق يۇقۇملىنىشنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاساسى جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس.
مەنبە: ساغلاملىق تورى
يارپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى