ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدە يۇقۇملاندۇرۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىڭ
ۋاقتى : 2015-07-28 09:59:49  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ
ئەيدىزنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدە يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىڭ


     

 
 


     ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ھەممىمىزگە ئېنىق  تۇرۇپ، لېكىن يەنىلا ئىنتايىن قورقۇمىز، شۇڭا ئۇچۇرىشىپ قېلىشتىن ساقلانمىساق بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن دەرھال قورقۇشقا باشلاپ، بېرىپ ئەيدىز تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر دائىم مېھمانخانىلاردا ياتىدۇ، بەزى تەشۋىقاتلارنى كۆرۈپلا، ئۆزىنى بەلكىم بەزى بۇلغانغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغانلىق ئىمكانىيىتى بار دەپ ئويلاپ، ئەيدىز تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق ئەھۋاللاردا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ؟
   بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچۇرۇشۈپ ۋە يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە ئانتىتېلا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانتىتېلا ئىشلەپ چىقىرىش ۋاقتى، ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 4-12 ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ، شۇنداقلا تەكشۈرۈش ئادەتتە ئانتىتېلانى تەكشۈرۈشنى ئۆلچەم قىلىدۇ، شۇڭا ئانتىتېلا ئادەم بەدىنىدە شەكىللەنمىگەن شۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولمايدۇ، بۇ بىر مەزگىلنى «كۆزنەك مەزگىلى» دەپ ئاتايمىز. 
    كۆزنەك مەزگىلىنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇشى تۈپەيلى، بۇ مەزگىلدىكى تەكشۈرش بولسا قارغۇلارچە تەكشۈرۈش بولۇپ، قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈشتە قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى، ئەگەردە كۆزنەك مەزگىلىدە قان تەقدىم قىلسا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانتىتېلا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇپ چىقىپ، بەلكىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان تەقدىم قىلىشى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن ئېقىپ كىرىپ، قان سېلىنغۇچىنى يۇقۇملاندۇرۇش پۇرسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ بىر قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھازىر تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئانتىتېلا ۋە ۋىرۇس تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا كۆزنەك مەزگىلىنى 7-9كۈنگە قىسقارتقىلى بولىدىغان بولدى، لېكىن ئادەتتىكى كىلىنىكا تەكشۈرۈشىدە، يۇقۇملۇنۇپ 25 كۈندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقىتلىق دائىم تەكشۈرۈشنى قوللۇنۇش كېرەك. قان سۇيۇقلىقىدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ سۈيدۈك، شۆلگەي، كۆز يېشى، سىپېرما، جىنسىي يول ئاجىراتمىسى قاتارلىقلاردىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولىدۇ.
     ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ياشاش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا، ئەگەردە يارا ئېغىزى بولمىسا يۇقۇملۇنۇش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. گەرچە بۇنداق بولسىمۇ، چوقۇم ئۆزىمىزنى پاك ساقلاپ، پاكىزە بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىپ، ئامال بولسا قان سېلىشتىن ساقلىنىپ، ئەيدىزنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدىن يۇقۇملۇنۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.