ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئۆمۈرلۈك دورا ئىچىش ئارقىلىق ئەيدىزنى كونتۇرۇل قىلىش
ۋاقتى : 2015-02-15 13:13:22  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىزگە ئۆمۈرلۈك دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ

ئەيدىزگە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى

بۇرۇن ئەيدىز كېسىلى ئىزچىل ھالدا ئەسىر ۋاباسى دەپ قارىلاتتى، كىشىلەر ئەيدىز دېگەن سۆزنى ئېغىزىغا ئالغاندا رەڭگى-روھى ئۆزگىرىپ كېتەتتى، بۇ داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان كېسەل، يۇقۇملانسا چوقۇم ئۆلىدۇ دەپ قارىشاتتى. سەھىيە ئورگىنى ئېغىر كېسەللەرنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازارەت قىلىش ھەيىتى سۈن شىنخۇا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇش بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇق بولغىنى ئاكتىپ ھالدا داۋالانماسلىق دېدى. داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز خۇددى دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمغا ئوخشاش، كەسپى خادىملار تەرىپىدىن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل دەپ قارلىۋاتىدۇ، گەرچە تېخى پۈتۈنلەي داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن پەقەت تەلەپ بويىچە دورا يېسىلا، ھاياتىنى ئون نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىلمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ئۆمۈرلۈك ۋىرۇس ئېلىپ يۈرۈشكە قارىتا ئۆمۈرلۈك دورا يېيىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ .

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ جىنسى كېسەل ۋە ئەيدىز كېسىلى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ زۈنيوۋ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئۆزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ يوشۇرۇن ئالامەتلىرى بارلىقىدىن گۇمانلانسا، چوقۇم ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن ئورگانلارغا بېرىپ تەكشۈرتىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كېسەللىك بېكىتىلگەن ھامان ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. لېكىن بەزى ئادەملەر تەكشۈرتكىلى كەلگەندە ئاللىبۇرۇن ئاخىرقى مەزگىلىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ ، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ.

سەھىيە ئىدارىسى ئەيدىز كىلىنكا مۇتەخەسسىسلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ فۇجيې مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللەرنىڭ ئورگانلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار. بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، جەمئىي تەكشۈرۈش 8316 تۈمەن ئادەم قېتىم سانىغا يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا %20.9 ئاشقان. ئەگەر داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغاندا، بىمارنىڭ ياشاش مۇددىتى ئادەتتە پەقەت 1 ~ 2 يىلغىچىلا بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى.

ئەيدىزدىن قورقۇش ۋە كەمسىتىشنى تۈگۈتۈش

جۇڭگو خەلق ئىشلار مەھكىمىسى «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش نىزامنامىسى» دا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تائاباتلىرىنىڭ نىكاھلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئوقۇشى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ بېكىتكەن. لېكىن بۇنىڭ بىلەن زىت بولغىنى، مۇقىملىشىپ قالغان ئىدىيەۋى قاراشلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى توپىنىڭ ياشىشىنى تەسلەشتۈرىۋاتىدۇ، ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ھازىرمۇ جىنايەتتىن، نومۇسسىزلىق، يىرگىنىشلىك ۋە خەتەردىن ئىبارەت بېرىدىكەن.

ۋۇ زۈنيوۋنىڭ دېيىشىچە، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ئوقۇش ۋە خىزمەت جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچۇرغانلىقى، ئائىلىدىكىلىرى ۋە خۇلۇم-خوشنىللىرى ئۇلاردىن يىراقلىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. بۇرۇن بىر ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۇنىڭغا دېيىشىچە پەقەت ئۇ تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرسىلا، ئائىلىسىدىكى باشقىلار ھەممىسى قوپۇپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل ئەنسىرەشلەر،قورقۇشلار ھەر خىل كەمسىتىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ.

ئالدىنقى يىلى دۆلىتىمىزدە جەمى 1043 ئەيدىز بىمارىنىڭ خىزمىتى ئاشكارا بولۇپ قېلىش دوكلاتى سۇنۇلغان، لېكىن ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىرمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن. ۋۇ زۈنيوۋ ئەسكەرتىپ، دوختۇرلۇق ساھەسىدە، خىزمىتى ئاشكارا بولۇپ قېلىشنىڭ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغىنى دەل بۇ خىل كەمسىتىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا داۋالاشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئارقىلىق، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساقلىنىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بۇنداق خەتەردىن ساقلانغىلى، قورقۇش ۋە كەمسىتىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ دېدى.

2010-يىلى مەملىكىتىمىز «چېگراسىدىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» نى ئۆزگەرتىپ، دۆلەت سىرتىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشنى توسۇش تۈزۈلمىسىنى بىكار قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش پىرسەنتىنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشىدىن قورقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىر قېتىملىق توردا تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچىمۇ، %84 زىيارەت قىلنغۇچىلار بۇ تۈزۈلمىنى بىكار قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ھەمدە قەنتى قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈرگەن. سەھىيە ئورگىنىنىڭ 2012-يىلى ئاممىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تونۇشىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاممىنىڭ ئەيدىزدىن ساقلىنىش ھەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەرگە بولغان تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى

مەملىكىتىمىزدە ئەيدىزنى داۋالاش مۇھىم بولغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ، بۇرۇن سەھىيە ئىدارىسى ئىككى ھۆججەت چۈشۈرپ، ئەيدىزنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالىشى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەخسۇس ئورۇن بېكىتىپ داۋالاش ۋە دەسلەپكى دىياگنوز ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراش تۈزۈلمىسىگە مەسئۇل بولۇشنى؛ بىمارنى رەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان؛ ھەمدە بېكىتىلگەن داۋالاش ئورگانلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغان.

سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان سان-سىفىرىنىڭ ئىپادىلىشىچە، ھازىرغىچە مەملىكىتىمىزدە 3430 ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئورگىنى قۇرۇلۇپ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە داۋالىغان قۇرامىغا يەتكەن بىمارلاردىن 19.7 تۈمەن ئادەمگە يەتكەن، داۋالاش ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى%84.0 كە يەتكەن، داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىكى بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالەتتە تۆۋەنلىگەن. بېيجىڭ جۇڭگو بويۇنچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى بىرنجى) MSM ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ ھەمجىنىسلىق مۇناسىۋىتى) خەتەرلىك ئادەملەر توپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش گۇرپىسى قۇرۇپ، ھازىر ئادەم سانى 6000 غا يەتتى، ھەمدە دۇنيا بويۇنچە ئەڭ چوڭ ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئەيدىزنىڭ (HIV) جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈرۈش گۇرپىسى قۇرۇپ چىقتى، بۇ ئەيدىزنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىنىشىغا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەملىكىتىمىزدە يەنە مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئارىسىدىكى ئەيدىزدىن ساقلىنىش تەشكىلاتى بار بولۇپ، ھۆكۈمەت تورى بۇلارنى ئەيدىزدىن ساقلىنىش ۋە كەمسىتىشنى تۈگۈتۈش جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ دەپ ئېنىقلىما بەردى. سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى يېقىنقى مەزگىلدە ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز بىمارلىرى داۋالانغاندا رەت قىلىشقا ئۇچۇرسا مەخسۇس ئورگانلار ئالاقىدار ئەرىزلەرنى بىرتەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

مۇتەخەسىسلارنىڭ ئاشكارا قىلىشىچە، كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزنى تەكشۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس ئىكەن، تەخمىنەن %50 ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. گەرچە دۆلىتىمىزدىكى داۋالاش ئورگانلىرى بىلەن كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، ئەيدىزگە دىياگنوز قويۇشتىن باشلاپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا تەخمىنەن پەقەت ئىككى ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتسىمۇ، لېكىن ئىككى يىلدىن بۇيان يەنىلا دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىزدىن ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلار ئىچىدە تەخمىنەن %70 ئادەم ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىستېمال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئەيدىزنى كونترول قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە يەنىلا بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر داۋالاش ئىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، سەھىيە ئورگىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئورنىنى كۆپەيتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خەلق ئارىسىدىكى تەشكىلاتلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، خەتەرلىك قىلمىشلاردا بولغان ياكى ئۆزىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمانلانغانلارنى ئۆزلۈكىدىن داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە سەپەرۋەر قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، پەقەت ئامما ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى مۇھىم دەپ بىلگەندىلا، ئەيدىزگە سەلقارىماي، ۋاقتىدا داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتسە، دىياگنوز قويغۇزسا، ۋاقتىدا بايقىسا، ۋاقتىدا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئېلىپ بارسا، شۇ ھالدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئەيدىزگە قارىتا داۋالىنىش چىقىمىنى تۆۋەنلەتكىلى، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

ئەتراپىمىزدىكىلەر ئەيدىزگە يۇقۇملىنىپ قالسا قانداق قىلىمىز

ئالدى بىلەن سىز ئۇنى كەمسىتمەسلىكىڭىز كېرەك، ئەكسىچە روھى جەھەتتىن ئۇنى رىغبەتلەندۈرىشىڭىز، ئۇنىڭغا دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىشنى، كېسەل ئازابى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، يەنى ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا سىز ئەيدىز بىمارىنى كۆرگەندە ۋابادىن قاچقاندەك قىلماڭ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋا ئارقىلىق، ئادەتتىكى جەمئىيەت مۇناسىۋىتى ياكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تارالمايدۇ، يەنە ئەيدىز بىمارى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىدىكى ئالاقىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارالمايدۇ.

ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئاماللارنى قوللىنىش كېرەك

.1 جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: جىنسى مۇناسىۋەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، مۇقىم بولغان جىنسى ھەمراھ بولۇشى، بىخەتەر بولغان جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىقلار بولسا ئەيدىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇلىدۇر.

.2 قان ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: زەھەرلىك بۇيۇمدىن يىراق تۇرۇش، زەھەرلىك بۇيۇمغا قارشى تۇرۇش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتمىگەن قاننى، قان بىلەن ياسالغان بۇيۇم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قوبۇل قىلماسلىق؛ ياخشى مىكروپسىزلاندۇرۇلمىغان سىناقتىن ئۆتمىگەن شىفرىسنى ئىشلەتمەسلىك؛ شىفرىس ۋە ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلار.

.3 ئانىدىن بالىغا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش؛ ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىسىدا بالىنى تۇغۇش تۇغماسلىقنى بېكىتىش قاتارلىقلار.

يارىپ تورىدىن : يارقىنجان تەرجىمىسى