ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
زەھەر توشۇشنىڭ ئاقىۋىتى يامان
ۋاقتى : 2017-04-26 11:52:47  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ھېلىھەم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەپتارتماي زەھەر ياساش، ئېلىپ-سېتىش ۋە يۆتكەش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېخىمۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان سېلىۋاتىدۇ. دۆلەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دورا باشقۇرۇش قانۇنى»، «ناركوز دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى»، «روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم قانۇن، قائىدە-نىزاملارنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرى بىلەن تەمىنلەش، توشۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كونكرېت ۋە قاتتىق تىزگىنلەپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ بۇ دورىلاردىن پايدىلىنىپ زەھەر ياساش، ئېلىپ-سېتىش ۋە يۆتكەش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى.
گەرچە قانۇن ئورۇنلىرى ھەرۋاقىت ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇپ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىچكى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردىن ئاپتونوم رايونىمىزغا ئېقىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ۋە بۇ خىل قىلمىشقا قاتتىق زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ زەھەر توشۇش، ياساش ۋە ئېلىپ-سېتىش قىلمىشلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىچكى ئۆلكىدىن شىنجاڭغا زەھەر توشۇشقا چېتىشلىق ئىككى دېلوغا ئوچۇق سوت ئېچىپ، جاۋابكار يالقۇن بىلەن ئوسماننىڭ قورساققا زەھەر يوشۇرۇپ توشۇش جىنايىتىگە قانۇق بويىچە قاتتىق جازا بەردى.
«مەنپەئەت» نىڭ ئازدۇرۇشى
1- ئاپرېل يالقۇن 39 ياشقا كىرەتتى، بىراق بۇ قۇتلۇق كۈننى ئۇ تۈرمىدە كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى، چۈنكى ئازغىنە پۇل ئۇنىڭ توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرىدىغان قەلب كۆزىنى كور قىلىپ، بىر ئۆمۈر پۇشايمان قازىنىدا قاينىشىغا سەۋەب بولدى.
يالقۇن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شىچاڭ شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەت قىلاتتى، بۇلتۇر 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا نامەلۇم بىرى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ مۇھىم بىر ھاجىتى بارلىقىنى، ئىمكان بولسا ئادەم يوق جايغا بېرىپ پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئېيتتى. بۇ ئادەم يالقۇنغا ناتونۇش، ئىش-ھەرىكەتلىرى سىرلىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ئادەم بىلەن بىر پاراڭلىشىپ، نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.
-ياخشىمۇسەن؟ ئاڭلىسام ئۆگۈنلۈككە يۇرتۇڭغا قايتىدىكەنسەن، مەندە شىنجاڭغا ئالغاچ كېتىدىغان بىر «نەرسە» بار، ياردەم قىلىپ ئالغاچ كەتسەڭ، پۇل بىلەن رەھمەت ئېيتاتتىم.
-بولىدۇ. نېمە ئىدى ئۇ، ئېغىرمۇ؟
-خىروئىن ...
ئۇ ئادەمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندا يالقۇن تۇرۇپلا قالدى، ئۇ چېكىسىدىن ئاققان مۇزدەك تەرنى سۈرتۈپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كېكەشلىدى:
-نېمە؟...  خىروئىن!... ياق ... 
يالقۇن ئىچكى ئۆلكىدە تىجارەت قىلغان كۈنلەردە بۇ يەرگە تىجارەت قىلغىلى كەلگەن، كېيىنچە زەھەر سودىسىغا كىرىشىپ كەتكەن شىنجاڭلىقلارنىڭ «ھېكايە» سىنى ئاڭلاپ تۇراتتى، ئەمما بۇ «تىجارەت» نىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
-جىقمۇ گەپ قىلماي، 5000 يۈەن تاپان ھەققى بېرىمەن. بۇ تېلېفون نومۇرۇم، ئەگەر ساقچىغا مەلۇم قىلىپ پىداكارلىق كۆرسەتسەڭمۇ مەيلى، بىراق شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ياخشى كۈن كۆرمەيسەن...
ھېلىقى ناتونۇش ئادەم شۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن، يالقۇنغا تېلېفون نومۇرى يېزىلغان باغاقچىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بار پاجىئەنى شۇ باغاقچىدىن باشلاندى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھېلىقى ئادەم كەتكەندىن كېيىن يالقۇننىڭ ۋۇجۇدىنى مەنپەئەت شەيتىنى چىرماشقا باشلىدى، «5000 يۈەن! مەن بۇنچە كۆپ پۇلنى بىر ئاي تىجارەت قىلىپ ئاران تاپىمەن...» دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ. بۇ شەيتان ئۇنى بىر كېچە ئۇخلاتمىدى، يالقۇن ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ئاخىرى قۇرۇق قول قايتقىچە، ھېچ بولمىغاندا بېرىپ-كېلىشنىڭ كىرا پۇلىنى بولسىمۇ تېپىش مەقسىتىدە 2-كۈنى ئەتىگەندىلا ھېلىقى ئادەم قالدۇرغان نومۇرغا تېلېفون بەردى:
-ياخشىمۇسىز، مەن يالقۇن، سىز دېگەن ھېلىقى ئىشقا قوشۇلدۇم، مال قەيەردە؟ قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ ماڭىمەن، كۆپمۇ؟...
-تېلېفوندا كۆپ سۆزلىمە، ھېلىغىچە بىز سېنى ئىزدەيمىز.
ئىككى سائەتكە قالماي ليۇ فامىلىلىك بىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى، ئىككىيلەن بىللە ۋوگزالغا بېرىپ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ليۇ فامىلىلىك يالقۇننى شىچاڭدىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى:
-بۇ يەردە ئارام ئېلىپ تۇر، پويىز قوزغىلىدىغانغا يەنە 11 سائەت بار، ھېلىغىچە مالنى ئەكىلىپ بېرىمىز.
-سوراپ باقسام، مالنى قانداق ئېلىپ ماڭىمەن؟ بىخەتەرمۇ؟
-قورسىقىڭغا قاچىلاپ ماڭىسەن، ناھايىتى بىخەتەر، -دېدى ليۇ فامىلىلىك كۈلۈپ، ئاندىن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ليۇ فامىلىلىك بىلەن دەسلەپ يالقۇننى ئىزدەپ بارغان ھېلىقى نامەلۇم كىشى ياتاققا كىردى. ليۇ فامىلىلىك سومكىسىدىن قارا خالتىغا ئورالغان بىر بولاق خىروئىننى چىقىرىپ ئۈستەلگە قويدى، كەينىدىن ئۈچەيلەن بولاقتىكى خىروئىننى پارچىلاپ 48 دانچە قىلغاندىن كېيىن، بولاققا ئوراپ، ئۈستىنى يەنە بىر قەۋەت پىلاستىر بىلەن ئورىدى...
پويىز قوزغىلىدىغانغا ئۈچ سائەتچە ۋاقىت قالدى، يالقۇن 48 دانچە خىروئىننى بىر-بىرلەپ يۇتۇپ قورسىغا قاچىلاپ، يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.
-ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن فاڭ فامىلىلىك بىرى سېنى ئىزدەيدۇ، يان تېلېفونۇڭ ئوچۇق تۇرسۇن، يولدا تەمتىرەپ ئۆزۈڭنى چاندۇرۇپ يۈرمە، تەكشۈرگۈچىلەر بەرىبىر بىلەلمەيدۇ.
ليۇ فامىلىلىك يالقۇنغا تاپىلايدىغاننى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، 5000 يۈەن تاپان ھەققىنى بېرىپ، ئۇنى پويىز ئىستانسىسىغىچە ئۇزىتىپ باردى.
2016-يىلى 30-ئاۋغۇست يالقۇن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزىغا يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ قەدەملىرى ئاستىلاشقا باشلىدى، چۈنكى چىقىش ئېغىزىدا ساقچىلار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن بېكەتتىن چىقىدىغان ھەربىر يولۇچىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتاتتى. «قانداق قىلىش كېرەك؟ ليۇ فامىلىلىك بىلەلمەيدۇ دەۋاتاتتى، تەمتىرەپ ئۆزەمنى چاندۇرۇپ قويماي...» يالقۇن ئۆز-ئۆزىگە «ئىلھام» بەرگەندىن كېيىن يېنىك تىنىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. تەكشۈرگۈچىلەر زەھەر تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ قورسىقىدا گۇمانلىق نەرسە بارلىقىنى بايقىدى ھەم ئۇنى تۇتۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، يالقۇن تۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى گۇمانلىق نەرسىلەرنى چىقارغان، ئاندىن بۇ 48 بولاق دانچىنىڭ %81.8 لىك خىروئىن ئىكەنلىكىنى، جەمئىي 358.5 گىرامغا يېتىدىغانلىقىنى بىلگەن.
خۇدۈكى بارنىڭ مۇدىكى بار
ئىچكى ئۆلكىدە تىجارەت قىلىدىغان ئوسمانمۇ يالقۇنغا ئوخشاش، بۇلتۇر 2-سېنتەبىر باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن قورسىقىغا خىروئىن يوشۇرۇپ ئىچكى ئۆلكىدىن شىخەنزىگە يۆتكىگەن. بىراق شىخەنزە ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندە ساقچىلارنىڭ يولۇچىلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا قېچىپ باشقا يوچۇقلاردىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان، بىراق ۋوگزالنىڭ چارلىغۇچىلىرى ئۇنىڭغا چىقىش ئېغىزىنى قايتا-قايتا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ۋوگزالدا ئۇيان-بۇيان تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا چارلىغۇچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان، نەتىجىدە ساقچىلار ئۇنىڭ قورسىقىدىن 372.3 گىرام ئېغىرلىقتا 49 بولاق خىروئىننى تاپقان.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى دېلوغا يېقىندا سوت ئېچىپ، ئىككى دېلودىكى جاۋابكارلارنى دۆلىتىمىزنىڭ زەھەر باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، زەھەر توشۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئۇلار توشىغان زەھەرنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاچقا، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك، دەپ قاراپ يالقۇن بىلەن ئوسمانغا 15 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش ۋە قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى ھۆكۈم قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۆمۈريول سوت مەھكىمىسى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق نۇرغۇن دېلونى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. زەھەر توشۇشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ، ئەمما ئۇنىڭ ئارىسىدىكى زەھەرنى قورساققا يوشۇرۇش ئەڭ خەتەرلىك ئۇسۇل. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن، ھەربىر پۇقرا چوقۇم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك.