ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
قىزىقىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش
ۋاقتى : 2017-04-13 00:46:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

      دۇ يۆمېي ، ئايال ، 36 ياش . مەن ئەسلىدىلا بىر تىرىشچان ئايال بولۇپ ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەڭ دېمەتلىك قىزلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرۈپ ، بەش يىل ئەسكەر بولدۇم ، كەسىپ ئالماشقاندىن كېيىن بىر ئوبدان خىزمەتكە ئېرىشتىم . ئەمما مەن يەنىلا قانائەت قىلماي ، مائاشىمنى توختىتىپ خىزمىتىمنى ساقلاپ قېلىپ سودا بىلەن شۇغۇللاندىم . بىر نەچچە يىل جاپالىق ئىشلەپ ، 26 ياشقا كىرمەيلا ، بىر مىليۇنغا يېقىن پۇل تاپتىم . بىراق بىر ئادىشىپلا ، ھەش-پەش دېگىچە تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشىمنى قانداقمۇ ئويلاپ يېتەي .1995-يىلى باھاردا ، كۆپ يىللىق بىر سودىگەر دوستۇم شېنجېندىن كەلدى ، بىز تيەنتەن مېھمانخانىسىدا ئۈچراشتۇق . پاراڭ ئارلىقىدا مەن ئۇنىڭ بىر كىچىك بولاق ئاق تالقاننى قەلەي قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قىزىتىپ ، ئۇنىڭدىن چىققان تۈتۈننى ئاچكۆزلۈك بىلەن سۈمۈرگەنلىكىنى كۆردۈم . ئۇ چاغدا مەن بۇ نەرسىنىڭ خېروئىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم . ھەم ئۇنىڭ ئادەمنى زەھەرلەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان . بۇنداق سورۇننى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈش بىلەن توساتتىن بىر خىل كۈچلۈك قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى . بۇ نەرسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق سېھرىي كۈچى باردۇ ؟ نېمىشقا ئۇنچە كۆپ كىشىلەر بۇنى دەپ ئائىلىسىنى خانىۋەيران قىلىپ ، بالا-چاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندۇ؟ چەكسە زادى قانداق تۇيغۇ بولىدىغاندۇ ؟ دېگەن خىياللار كاللامغا كىرىۋېلىپ ، ئويلا-ئويلا، ئاخىرى ئۆزۈمنى توسىۋالالماي بىرىنىچى قېتىمنى چېكىپ سالدىم .بىرىنچى قېتىم چەككەندىن كېيىن ، ئىچى باغرىمدىكى ھەممە نەرسىنى قوشۇپ ياندۇرۇۋەتتىم ، دوستلىرىم بۇنى كۆرۈپ ، ھېچ ۋەقەسى يوق ، بىرنەچچە قېتىم چەككەندىن كېيىن ئاندىن ئوبدان تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ دېدى . بۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر نەچچە چېكىم چەكتىم ، ئەمما بىرەر ياخشى تۇيغۇنىڭ بىشارىتىنى ئازراقمۇ ھېس قىلالمىدىم ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم . بىر مىليونغا يېقىن مەبلىغىمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى چېكىپ تۈگەتتىم ، ئۈچ جايدىكى دۇكىنىمنىڭ ئىككىسىنى رەنىگە قويدۇم . مېنى ياخشى كۆرىدىغان يولدىشىم ھەر خىل بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ خىزمىتىنى تاشلىۋېتىپ ، ماڭا ھەمراھ بولۇپ سىرتلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ ، زەھەردىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلدى . يولدىشىم ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ غەمخورلىقىدا ، بىرىنىچى قېتىم زەھەرنى تاشلىدىم ، ھەم بىر ئوغۇل بالىلىق بولدۇم . بىراق بىر يىلغا بارا-بارمايلا يەنە قايتا چېكىشكە باشلىدىم ھەمدە بۇ قېتىمقى چېكىشىم بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ئېغىر بولدى . بىر نەچچە ئايلىق بولغان بالامنىڭ يىغلاپ ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ ، يەنىلا چېكىۋېلىپ ئاندىن بالىغا قارايدىغان بولۇپ قالدىم . ئىشتىن كېيىن شۇنچە پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمىدى ، خۇمارىم تۇتقاندا روھى-جىسمىمغا چاڭگال سالىدىغان قاتتىق ئازاب مېنى يەنە ۋەدەمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا قىستاۋەردى . شۇنداق قىلىپ ، ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ يېتىپ يىغقان بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇل-مېلىم بىلەن يولدۇشۇمنىڭ قان-تەر سىڭدۈرۈپ تاپقان مائاش پۇلنىڭ ھەممىسىنى چېكىپ تۈگىتىۋەتتىم .قىزىقىش ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى . بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ قىزىقارلىق بىلەن ئەتراپىدىكى دۇنيانى كۈزىتىدۇ . ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردىمۇ كۈچلۈك قىزىقىش ھېسىياتى بولىدۇ ، ئۇلار ھەممىنى يېڭىلىق ھېس قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ " نېمىلىكى " ، " نېمە ئۈچۈنلىكى " نى بىلىشنى ئويلايدۇ . ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى كەم بولغاچقا ، ناھايىتى ئاسانلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ، ئۆزلىرى ھېس قىلمىغان شەيئىلەرنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ . بۇ خىل قىزىقىش بىلەن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش پىسخىكىسىنى ئەگەر توغرا يېتەكلەنمىسە ۋە چەكلەپ تۇرۇلمىسا ، ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئىچىدىكى زەھەر چەككۈچىلەرنى تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى زەھەرنى بىرنىچى قېتىم چەككەندە زەھەرگە قىزىقىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر سىناپ بېقىش پىسخىكىسى بىلەن چېكىدىكەن .

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg