ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
زەھەر ئۈچۈن 20 نەچچە يىللىق ئايالىنى تاشلىغان ئەر
ۋاقتى : 2017-03-06 10:51:09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   جياڭسۇ جېنجياڭ شەھىرى جىڭكۇ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ 1-مارت تەستىقلىشىچە، چاڭجياڭ ھاۋا قاتنىشى ج خ ئىدارىسى جېنجياڭ تارماق ئىدارىسى كۈندۈزدە ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى خۇ فامىلىلىكنى قانۇن بويىچە قولغا چۈشۈرگەن. 
     13-فېۋرال سائەت 17:00 ئەتراپىدا، چاڭجياڭ ھاۋا قاتنىشى ج خ ئىدارىسى جېنجياڭ تارماق ئىدارىسى پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. تېلېفوندا ئېيتىلىشىچە، مەلۇم رايوندىكى كوللېكتىپ ياتاققا ئوغرى كىرىپ، مال ئىگىسى لى فامىلىلىكنىڭ ئالماس ئۈزۈكى، قاتارلىق 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى زىننەت بۇيۇمىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.
   ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا جىددىي يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 48 سائەت ئىچىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ خۇ فامىلىلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن.
   تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ فامىلىلىك 20 يىل زەھەر چەككەن بولۇپ، ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، بۇلتۇر 11-ئايدا مەجبۇىي زەھەر تاشلاتقۇزغاتدىن ئايالى بىلەن ئاجراشقان.
   ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆيگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خۇ فامىلىلىك كونا ئۈلپەتداشلىرىنىڭ تەسىرىدە قايتا زەھەر چىكىپ 13-فېۋرال سائەت 14:30 ئەتراپىدا ئوغرىلىق قىلغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان پۇلىغا زەھەر ئېلىپ چەككەن.
                                                                                                                          ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى