ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرايلى
ۋاقتى : 2016-07-27 13:02:59  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

 ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرايلى

 

 

   مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى ساقچىلار ۋە زەھەر تاشلىغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى. زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى ساقچىلار پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەردىن زەھەرنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىشىگە ئورتاق ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زەھەر تاشلىغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق زەھەرنىڭ روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى سۆزلەپ، باشقىلاردىن ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ زىيىنى چوڭ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ  شياۋ ما چۆچەك شەھىرىدىن بولۇپ، 2013- يىلى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم كەسپىي تېخنىكومغا ئۆتكەن. ئادەتتە ئاپىسى ئۇنى بەك چىڭ تۇتقاچقا، مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن يۈگەنسىز ئاتتەك كۈندە جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئويناپ يۈرگەن، ئاخىر ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەي مەكتەپتىن چېكىنگەن. ئۇ دەسلەپتە دوستلىرى بىلەن كېچىلىك كۇلۇبلارغا بېرىپ ناخشا ئېيتىپ، ھاراق ئىچكەن، كېيىن دوستلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن زەھەرسىمان مۇز چەككەن. ئۇ دەسلەپ زەھەر چەككەندە ھاياجانلىنىپ، ئۈچ كېچە- كۈندۈز ئۇخلىمىغان، تاماقمۇ يېمىگەن. كېيىنكى قېتىملاردا ئۇ دوستلىرى زورلىمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا چەككەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېن باۋجياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى تىپتىكى زەھەر بىر قەدەر تېز يامرىدى. ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىزىقىش، تونۇش جەھەتتىكى خاتالىقى، مودا قوغلىشىش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.   بىرىكمە زەھەرنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى ئاددىي، تەننەرخى تۆۋەن، ئادەم تېنىگە بولغا زىيىنى بىر قەدەر چوڭ. مۇزسىمان زەھەر خەلقئارادا زىيىنى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ بىرى بولۇپ، چەككەندىن كېيىن كۈچلۈك ھاياجانلىنىش، جىسمانىي كۈچى خوراش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش، يۈرەك ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىش ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن
    غەمخورلۇق قىلىش، بىرىدىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك كېرەك
 شياۋما دەسلەپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كەلگەندە، ئېغىرلىقى 42 كىلوگىرام بولۇپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ زەھەر خۇمارى بېسىقىپ تامىقىمۇ ياخشىلانغان. ھازىر ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 55 كىلوگىرامغا يېتىپ، تەن سالامەتلىكىمۇ ياخشىلانغان.  زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكىلەر دائىم «تونۇش چىراي»لارنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. نۇرغۇن زەھەر تاشلىغۇچى شياۋماغا ئوخشاش زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كۆپ قېتىم كەلگەن. جېن باۋجياڭ مۇنداق دېدى: زەھەرنىڭ قايتا چېكىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، دۇنيا بويىچە زەھەر خۇمارىنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئامال يوق، خىروئىننى مېتادۇننىڭ ياردىمى بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن يېڭى تىپتىكى زەھەرگە ئامال يوق.  «بىز بىر زەھەر چەككۈچىنى ئۇزاق يىل ئىز قوغلاپ كۆزەتتۇق، سەككىز يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە قايتىدىن زەھەر چېكىۋالدى»، دېدى جېن باۋجياڭ ئەپسۇسلانغان ھالدا. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ساقچىلىرى بىرمۇ زەھەر تاشلىغۇچىدىن ۋاز كەچمىدى. ئازراقلا ئۈمىد بولىدىكەن، ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىپ، دورىنىڭ ياردىمى، ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، قانۇنچىلىق تەربىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زەھەر تاشلىشىغا، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
   زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى توختاپ قالمىسۇن
ياشلىق شياۋ جاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، يالغۇز پەرزەنت ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش قۇرغان. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىپ، خۇشاللىق ئىزدەپ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر خىل مەست قىلغۇچى دورىنى يېگەن ھەم يېگەنسېرى خۇمار بولۇپ قالغان. - يىلى 3- ئايدا شياۋ جاڭ دوستلىرى بىلەن خىروئىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. تەكشۈرۈشتە زەھەر چەككەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان. ئايرىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن خوتەندىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ئاپىسى ئۇنىڭ پۇل، يان تېلېفون، كىملىك قاتارلىق نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى سىرتقا چىقارمىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلغان. ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، خىزمەت ئىزدىگەندە رەت قىلىنغان . ئۇ زەھەر چەككەندىكى ھېسسىياتنى ئۇنتۇيالماي، «قارا تاكسى» ھەيدەپ تاپقان پۇلىغا ئۇدۇللۇق زەھەر ئېلىپ، كۈنىگە 3- 4 قېتىم ئوكۇل ئۇرغان. پۇلى يەتمىگەندە، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر خىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەن پۇل سورىغان ھەتتا ئاپىسىنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن. شاۋ جاڭنىڭ كەچۈرمىشى نۇرغۇن زەھەر چەككۈچى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىدىن، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالغان، خىزمەت ئىزدىشى قىيىنغا چۈشكەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار يەنە قايتىدىن زەھەر چەككۈچىلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ، تەسەللى ئىزدىگەن. جېن باۋيۈ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى چاقىرىق قىلدى: زەھەر تاشلاش ئۇزاق مەزگىللىك ئىش، زەھەر تاشلىغۇچىلارنى جەمئىيەتكە ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۇلار خىزمەت پۇرسىتىگە موھتاج، باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج.