ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
پوق يېيىشكە رازىمەنكى، ھەرگىز زەھەر چەكمەيمەن
ۋاقتى : 2016-06-30 10:59:02  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

پوق يېيىشكە رازىمەنكى، ھەرگىز زەھەر چەكمەيمەن

 



«ئەگەر زەھەر بىلەن پوقنى ئالدىمغا قويسا، مەن پوق يېيىشكە رازىمەنكى ھەرگىز زەھەر چەكمەيمەن.» بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن لاۋلى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ زەھەر چەككەنلىكىنى ئويلىسا پۇشايماندىن يۈرىكى ئۆرتىنەتتى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 16 يىللىق زەھەر چېكىش تارىخىگە لاۋلى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ مىليونېردىن خوتۇن-بالىلىرىدىن ئايرىلغان، ئانىسىدىن يۈز ئۆرىگەن جەريانىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ ئۆز ھېكايىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ زەھەردىن يىراقلىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
1982-يىلى، 29 ياشلىق لاۋلى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان يەككە تىجارەتچى بولۇپ ھېسابلىناتتى، قىسقىغىنا ئالتە يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ نۇرغۇن پۇل تېپىپ مىليونېرغا ئايلانغانىدى.
1988-يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ بىر قانچە شېرىكلىرى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇنى دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى، دوستى بىر بولاق ئاق رەڭلىك تالقاننى ئۈستەلگە قويۇپ، خالىغانچە بېقىشنى ئېيتتى. قىزىقىش تۈرتكىسىدە لاۋلى تۇنجى قېتىم زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئاچچىق پۇرىقىنى تېتىغان ئىدى.
ئارقىدىن، لاۋلى ئۆز بەدىنىدە باشقىچە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلانغان ئىدى، ئۇ تېتىغان ھېلىقى تاماكىنى قايتا چەككەندىلا بۇ خىل ھالەتتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. لاۋلى دوستى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلاشتى……شۇنىڭدىن كېيىن لاۋلى 16 يىلغا سوزۇلغان زەھەر چېكىش ھاياتىنى باشلىۋەتتى.
بىر يىلدىن كېيىن، لاۋلىنىڭ ئايالى ئۇنىڭ زەھەر چېكىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ زەھەر تاشلاتقۇزدى. ئەمما ئۇنىڭ قايتا-قايتا زەھەر چېكىشى ئايالىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى. 1992-يىلى ئايالى قىزىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالغانىدى.
ئۇزۇن يىل نورمال خىزمەت قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە زەھەر چېكىش قوشۇلۇپ ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى چىقىمنى كۆپەيتىپ، لاۋلىنى قەلەندەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. لاۋلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ زەھەر ئۈچۈن نەچچە مىليون يۈەن پۇلنى خەجلەپ بولغان بولۇپ، ئىلگىرى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان ئۆينى 80 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتكەن.
1993-يىلى، ئاتا ئانىسى لاۋلىنىڭ زەھەر چېكىشتىن ئۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىدىكى ئوكۇل يىڭنىسىنى تارتىۋالغان ۋاقىتتا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئوغلىنىڭ بىر شاپىلاق بىلەن ئۆزلىرىنى يەرگە يىقىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. شۇ يىلى لاۋلىنىڭ ئاتا-ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېيىتىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن، لاۋلى ھەتتا جەسەت كۈلى سالىدىغان قۇتا سېتىۋالغۇدەك پۇل چىقىرالمىغانىدى. لاۋلىنىڭ ئۇزۇن يىلغىچە زەھەر قاينىمىدىن قايتىپ چىقالمىغانلىقىنى كۆرگەن ئۇرۇق-تۇغقان دوست-بۇرادەرلىرى بارا-بارا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى.
ئۇزۇن يىللىق چۈشكۈنلۈك لاۋلىنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلغانىدى، ئۇ ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ زەھەر تاشلاپ نورمال تۇرمۇشقا قايتىشقا بەل باغلىدى. 2004-يىلى لاۋلى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن يېنىپ چىققاندا، يېنىدا پەقەت 38 يۈەن پۇل بار بولۇپ، ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان لاۋلى خۇگو ئاھالە كومىتېتىغا كەلدى، ھەمدە شۇ يەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، خىزمەتچى خادىملار پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا تۆۋەن كاپالەت تۇرمۇش پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئۈچ يىل زەھەر تاشلاتقۇزۇشى نەتىجىسىدە، لاۋلى ئۈزۈل-كېسىل زەھەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى. «ئىلگىرىكى زەھەر چەككەن دوستلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى، مەنمۇ جىگەر كېسىلى بولۇپ قالدىم، مەن زەھەرگە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولدۇم، بارلىق كىشىلەرنىڭ زەھەرگە يولۇقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى لاۋلى.
2007-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زەھەر تاشلىغان لاۋلى قوغداش خىزمىتىگە ئېرىشتى، توققۇز يىل قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئۇ ۋۇخۇا تارماق ئىدارىسى تارقاتقان قوغداش كىنىشكىسىگە ئېرىشتى. گەرچە كىرىمى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئورۇنلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپلا قالماستىن، بىكار ۋاقىتلىرىدا زەھەر چەككۈچىلەرگە زەھەر چېكىشنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈپ، زەھەر چەككۈچىلەرگە ياردەم قىلماقتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق تەجرىبە ساۋىقى ئارقىلىق كىشىلەرنى زەھەرلىك بۇيۇم بىلەن ئۇچراشماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.
مەنبە : news.sina.com.cn