ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر ساتقانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ
ۋاقتى : 2016-04-22 12:07:20  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر ساتقانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ

شۈ جۈن

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 7 – فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2015 – يىللىق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم 11 – فېۋرال يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر جىنايىتىگە قانۇننى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلىگە دائىر ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش››نى ئېلان قىلدى.
 

 

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015 – يىلى مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان زەھەر جىنايىتى دېلولىرى 142 مىڭ بولۇپ، 2014 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30.79 ئاشقان؛ 139 مىڭ 24 دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلۇپ، 2014 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30.17 ئېشىپ، سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %96.63 بولغان.
‹‹چۈشەندۈرۈش››تە، 28 تۈرلۈك زەھەرگە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مىقدار ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بۇنىڭغا مەزكازىنىن (Methcathinone)، تىرامادول (Tramadol)، ئەنك (ANK) قاتارلىق 12 تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى زەھەرگە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مىقدار ئۆلچىمى يېڭىدىن قوشۇلدى، شۇنداقلا ئېلىمىزدە زىيىنى بىر قەدەر ئېغىر بولغان زەھەر كېتامىن(Ketamine)غا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مىقدار ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلدى. ‹‹چۈشەندۈرۈش››كە ئاساسەن، ئەتكەس قىلغان، ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، قانۇنسىز ساقلىغان كېتامىن مىقدارى 500 گىرامدىن ئاشسا، ‹‹مىقدارى زور›› قىلىپ بېكىتىلىدۇ، 100 گىرامدىن ئارتۇق، 500 گىرامغا توشمىغانلىرى ‹‹مىقدارى بىر قەدەر زور›› قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 5 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى فاڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە كېتامىنغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مىقدار ئۆلچىمى ئەسلىدىكىدىن يېرىم تۆۋەنلىتىلدى، كېتامىننىڭ ئېلىمىزدە قالايمىقان ئىشلىتىلىشى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كېتامىننى قالايمىقان ئىشلەتكۈچىلەر كۆپىيىپ، ئامفېيتامېىن (Amphetamine)، خىروئىن (Heroin) بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئۆتتى. كېتامىننى ياساش، ئېلىپ سېتىش جىنايىتى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەچكە، كېتامىنغا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.
زەھەر ياسىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئېقىپ كىرىش يوللىرىدا زەھەر ياساش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا، ‹‹چۈشەندۈرۈش››تە 33 تۈرلۈك زەھەر ياسىلىدىغان بۇيۇمغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مىقدار ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلدى.
 

‹‹چۈشەندۈرۈش››كە ئاساسەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەر چېكىش، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئېلىپ قالغۇچىلار باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە ئېلىپ قېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، زەھەر چەككەن، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى، روھىي كېسەللىك دورىسى بىلەن تەمىنلىگەنلەر ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى، روھىي كېسەللىك دورىسىنى قانۇنسىز تەمىنلەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى، روھىي كېسەللىك دورىسىنى قانۇنسىز تەمىنلەش مىقدارىغا ئايرىم تەلەپ قويۇلمايدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 5 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما يەن مۇنداق دېدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قېلىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىرىكمە زەھەرنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ زەھەر جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۇلارنى جىنايەت سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈش، شۇنداقلا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر سېتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق جازا بېرىلىدىكەن ۋە ئېغىرلىتىپ جازا كۆرۈلىدىكەن.
‹‹چۈشەندۈرۈش››تە كۆپ ماددىلار ئارقىلىق دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ زەھەر جىنايىتى سادىر قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق جازا بېرىش بەلگىلەندى. مەسىلەن: دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن زەھەر ئەتكەس قىلىش، ئېلىپ – سېتىش، توشۇش، ياساش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلار، شۇنداقلا باشقىلارنى زەھەر چېكىش، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا يېتەكلەش، كۈشكۈرتۈش، ئالداش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قىلمىشى ئېغىر قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
فاڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: دۆلەت خىزمەتچىلىرى سادىر قىلغان زەھەر جىنايىتىنىڭ مىقدار ئۆلچىمىگە جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمى ئادەتتىكى مىقدار ئۆلچىمىگە جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن زەھەر ياساش جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا جىنايەت بېكىتىش مىقدار ئۆلچىمى ئادەتتىكى ئۆلچەمنىڭ %50 ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدۇ.
مەنبە: «تەڭرىتاغ تورى›› ‹‹خەلق گېزىتى››دىن ئېلىنغان