ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
ئارتىست ۋاڭ شۆبىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قولغا ئېلىندى
ۋاقتى : 2015-03-13 14:07:36  مەنبەسى : ۋاڭيى تورى  يوللىغۇچى : يارپ

زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتچىسى بولغان ۋاڭ شۆبىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قولغا ئېلىندى



ئارتىس ۋاڭ شۆبىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قالغانلىقتىن بېيجىڭ ساقچى تەرەپ قولغا ئالغان. بۇ ئۇچۇرغا مۇخبىر كۆپلىگەن يول ئارقىلىق ئېرىشىپ ئىسپاتلىغان. گەرچە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمىسىمۇ، ئەمما ئاشكارلىنىشىچە، ئۇ ئۆيىدە باشقا ئارتىسلار بىلەن ئوخشاشلا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇندىن سىرت، ئوخشاشلا ئېلىپ كېتىلگەن ئارتىسلار ئىلگىرى « چوڭ دېلو ئالتە گۇرۇپپىسى» ۋە « تەڭرىتاغدىكى يەتتە پالۋان» ناملىق فىلىملەردە رولغا چىققانكەن. 



2006-يىلى، ۋاڭ شۆبىڭ قاتارلىق سەككىز كىشى بېيجىڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش خالىس تەشۋىقات خادىمى بولغان. ۋاڭ شۆبىڭ:« زەھەردىن يىراق تۇرۇش دەل ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلىك، بۇ بىز ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزلىكىمىزدىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. بۇ ئارتىس مۇشۇ كەسىپ بىلەن ناھايىتى ئاسانلا كىشلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن، ئۇ:« مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق 'ئەۋزەللىكى'دىن پايدىلىنىپ زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشلىك كۈچۈمنى چىقىرىشنى خالايمەن.» دېگەن. 


ۋاڭ شۆبىڭنىڭ قىسقىچە تارىخى:

ۋاڭ شۆبىڭ، كىنو-تېلۋىزىيە ئارتىسى. 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، 1994-يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى ماھارەت كۆرسىتىش فاكۇلىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 
1998-يىلى ياشلىق مەبۇد تىياتىرى «مۇھەببەت داۋاملاشسۇن»دا رولغا چىقىپ، كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان؛ 2001-يىلى تېلۋىزىيە تىياتىرى «ناتونۇشلار بىلەن سۆزلەشمەڭ» گە تايىنىپ نام چىقارغان ھەم «جۇڭگو تېلۋىزىيە سەنئىتى قوش ئون مۇنەۋەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئۈزلۈكسىز « مۇتلەق كونترول قىلىش»، «چىڭداۋ ئاسمىنى»،« تەڭرىتاغدىكى يەتتە پالۋان» قاتارلىق كۆپلىگەن قىزغىن قويۇلغان تېلۋىزىيە تىياتىرىدا باش رولغا چىقىپ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن تونۇلغان. 
2012-يىلى، ۋاڭ شۆبىڭ تۇنجى قېتىم رىژىسسورلۇقنى ئۈستىگە ئېلىپ يىتەكچىلىك قىلغان مىكروفىلىم « مۇستەھكەم قەلەي ئەسكەر» 24-نۆۋەتلىك خاربىن مۇز كىنو بايرىمىدا «رىژىسسور ئۇسلۇبى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 


2014-يىلى 2-ئايدا، رول ئېلىشقا قاتناشقان كىنو «كۈندۈزدىكى ئوت يالقۇنى» بېرلىن كىنو بايرىمىدا ئەڭ مۇنەۋەر كىنو مۇكاپاتى«ئالتۇن مۈشۈكئېيىق مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. شۇ يىلى، ۋاڭ شۆبىڭ لىن جاۋخۇانىڭ دراممىسى«خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى»نىڭ ئەر بىرىنچى نومۇرىغا ئايلانغان، درامما 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ 2015-يىلى 4-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە 60 مەيدانغا يېقىن سەييارە قويۇشنى قانات يايدۇرغان ھەم 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 2016-يىلى چەتئەلدە قويماقچى بولغان. 
سەنئەت كەسپىدىن سىرت، ۋاڭ شۆبىڭ جەمىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن بولغان. 2002-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 12 يىل جۇڭگو قانۇن جەمىيىتىنىڭ «ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش تور ئوبراز ئەلچىسى» لىكىنى ئۈستىگە ئالغان؛ 2004-يىلى ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئەل كۆتۈرگۈچىلىكىنى ئۇدا ئۈستىگە ئالغان، ئىككى نۆۋەت ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگەن. ئوخشاشلا، كۆپلىگەن پاراۋانلىق خەيرى ساخاۋەت تۈرىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋە ئوبراز ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ھەم كۆپلىگەن پاراۋانلىق مۇكاپات تۈرى ۋە « خەيرى-ساخاۋەت ئەلچىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
مەنبە: بېيجەڭ كەچلىك گېزىتى، ۋاڭيى تورى خەۋىرى