ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش
ۋاقتى : 2017-09-18 18:18:41  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش دېگىنىمىز : ئۇزۇن مۇددەت مېتادون ئىچىش ئارقىلىق زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ خروئىن خۇمارىنى داۋالاش، قىلمىشغا ئارىلىشش قاتارلىق ئۇنۋېرىسال تەبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، زەھەرنىڭ خەۋپنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مېتادون دېگەن نېمە؟
ئۇ بىر خىل سۈنئى ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن مەسىت قىلغۇچى دورا بولۇپ، دۆلەت قاتتىق باشقۇرىدىغان مەسىت قىلىش تۈرىدىكى دورىغا تەۋە. مېتادون ئارقىلىق خىروئىن ۋە ئەپيۇننىڭ خۇمارىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزدە مېتادون ئارقىلىق قامداپ داۋالاشتا ئىشلىتىۋاتقان مېتادون بولسا بىر خىل سويۇق دورا.
مېتادوننى ئىچكەندە خېروئىننىڭ خۇمارىنى 24 سائەتتىن 36 سائەتكىچە بېسىپ تۇرالايدۇ، ئەگەر قامداپ داۋلاشتا مېتادوننىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بېرىلسە، ئىچكۈچىدە تېنچلىنىش ياكى روھلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئەكس تەسىرىمۇ ئاز بولىدۇ. شۇڭا مېتادون ئىچكۈچى نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى داۋالاشتۇرلايدۇ.
مېتادون بىلەن داۋالاشقا قاتنىشىشنىڭ شەرتى : كۆپ قېتىم زەھەر تاشلىغان لېكىن زەھەرنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلالمىغان خىروئىنغا خۇمار بولغانلار، ئىككى قېتىم مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇلغانلار ياكى بىر قېتىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇلغانلار 20 ياشتىن يۇقىرى مەزكۇر رايون ئاھالىسى ھەمدە مۇقىم تۇرۇش ئورنى بار كىشىلەر . پۇتۇنلەي ھەق تەلەپ داۋا ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر . ئالاقىلىشىش تېلفۇنى: 0991–2663416
مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ۋاقتىدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلغۇچى بىلەن قامداپ داۋالاشنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە چوقۇم قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك؛
دۆلەت تۈزگەن گۇرۇپپىغا كىرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، داۋالاشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك؛ ئۆزىنىڭ زەھەر چېكىش ئەھۋالىنى، سالامەتلىكى، ئارىلاشتۇرۇپ دورا ئىشلىتىش تارىخى، كېسىلىنىڭ ( ئالامەتلىرىنىڭ ) ئېغىر – يىنىكىلىكى قاتارلىقلارنى راستچىللىق بىلەن دوختۇرغا ئىنكاس قىلىش كېرەك. مىتادوننى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش كېرەك؛ مېتادون ئىچىش جەريانىدا زەھەر چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ھەر كۈنى دورا ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مېتادون ئامبۇلاتورىيسىى تەشكىللەپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە چوقۇم قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ قەرەرللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا سۈيدۇكتىكى مورفىننى تەكشۈرۈشكە قوشۇلۇشى كېرەك؛ ئەگەر داۋالاش مەزگىلىدە، ئالتە ئاي ئىچىدە جەمئىي 15 كۈن ياكى ئالتە مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسىگە كېلىپ مېتادون ئىچمىگەنلەرنى داۋالاش توختۇتۇلىدۇ؛ مېتادون ئامبۇلاتورىيىسىدىن مېتادون سۇيۇقلۇقىنى ئوغرىلىقچە سىرتقا ئېلىپ چىقىش قەتئىي چەكلىنىدۇ، شۇنداق ئەھۋال بايقالسىلا داۋالاش توختىتىلىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن مېتادون بىلەن قانات يايدۇرىمىز؟
نېرۋا بىئولوگىيىسى تەتقىقاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، زەھەر چېكىشنىڭ بىر خىل ناھايىتى ئاسان قايتا قۇزغىلىدىغان نېرۋا كېسەللىكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى. يەنە زەھەر چەككۈچىگە قارىتىلغان داۋالاش بولسا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم قىيىن، شۇنداقلا دائىم قايتا قوزغىلىدۇ. شۇڭلاشقا خۇددى يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىغاچقا ئوخشاش زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك دورا بىلەن قامداپ داۋالاش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەيدىز كېسىلى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىنى كونترول قىلىش، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ خېروئىنغا بولغان بېقىندىلىقى ۋە زەھەرگە ئالاقىدار قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى ئازايتىش داۋالاش سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg