ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
ئاساسلىق زەھەرلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە زىيىنى
ۋاقتى : 2017-09-18 18:15:29  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 1. نەشە: نەشە بىرخىل يوغان ،توم، پۇراقلىق بولغان چاتقال، نەشە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ، شىمالىي تىروپىك بەلۋاغلىرىدا ئۆسىدۇ.نەشىنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا نېرۋا سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تەشۋىشلىنىش، ئازاپلىنىش قاتارلىق پىسخىكا ھالەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغۇچىلار 2-4 ھەپتىگىچە ئىشلىتىشنى توختاتسا تەسىرنى تۈگىتەلەيدۇ.
2. خىروئىن: خىروئىننىڭ كېلىش مەنبەسى ئەپىيۇن بولۇپ ، ئەپىيۇننى ئالاھىدە خىمىيىۋى بىرتەرەپ قىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان.خىروئىننىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ئاق،قارا، كۈمۈش رەڭلىكلىرى بار، بەزىلىرى ئالاھىدە پۇراققا ئىگە.خىروئىننىڭ خۇمار قىلىشى تېز، زەھىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن «زەھەر پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. ئىزچىل خروئىن چەككۈچىلەر ئادەتتە 7-8 يىل ياشىيالايدۇ.

[URL]041de8c43676322e598893daacddab7c.jpg


3. كوكايىن: كوكايىن كوكا دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىنچىكە ئاق كىرىستىمالسىمان ماددا. كوكايىننى ئىشلەتكەندىن كىيىن ئىشلەتكۈچىنىڭ چوڭ نېرۋا سېستىمىسىنى غىدىقلاپ، قان تۇمرلىرىنى تارايتىدۇ ھەم پىسخىكا جەھەتتىن تايىنىشچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن نېرۋىنى زەئىپلەشتۈپ روھىي كېسەللىكنى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئەپىيۇن: ئەپىيۇن يەنە چوڭ تاماكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مورفىن. ئەپىيۇننىڭ خۇمارى ۋە ئادەم بەدىنىگە بولغان زىينى ئىنتايىن كۈچلۈك.
5. باش چايقىتىش كومىلىچى: باش چايقىتىش كومىلىچىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كىرىستال زەھەر. كىرىستال زەھەرنىڭ ئىچكى ئەزالارغا بولغان زىينى ناھايىتى چوڭ ھەم ناھايىتى تېز خۇمار قىلىدۇ. ئىستىمال قىلغۇچىلاردا زوراۋانلىق، جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاھىشى پەيدا بولۇپ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
6. K تالقىنى: K تالقىنى ئاق كىچىك خرۇستال ماددا بولۇپ دوختۇرخانىلاردا ناركوز قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ مىقتاردا ئىستىمال قىلغاندا يۈرەك، ئۆپكە، نېرۋا سېستىمىلىرىغا زىيان سېلىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. چۇمادو: چۇمادو ئەپىيۇن خارەكتېرىدىكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى، كۆپىنچە ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى راك بىمارلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا نېرۋا سېستىمىسىنى غىدىقلاپ نېرۋا ۋە نەپەس سېستىمىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg