ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
تۇرمۇشتىكى زەھەرلەرنى بىلەمسىز؟
ۋاقتى : 2017-07-11 11:29:58  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 1. ئاقارتقۇچ

كۆپ قىسىم ئاقارتقۇچلارنىڭ تەركىبىدە ناترىي گىپوخلورىد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بار. ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك چىرىتىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، بىر خىل زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىدۇ، بەك كۆپ ئۇچراشقاندا، ئۆپكە ۋە چاچقا تەسىرى بولىدۇ. ئاقارتقۇچنى ئاممىياكلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتسە تولىمۇ خەتەرلىك، چۈنكى بۇ ئىككى ماددا خىمىيەلىك رېئاكسىيىلىشىپ، خلور گازى قويۇپ بېرىدۇ.

2. ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ.
بۇنىڭ تەركىبىدە فېنول بار. ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن نەپەس قىيىنلىشىش، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەمدە كۆزنى غىدىقلايدۇ. تېرە بىلەن ئۇچراشسا، تېرە كېپەكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىل پەيدا قىلىدۇ.
3. سۈنئىي گىلەم
سۈنئىي گىلەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە مۇقىمسىز ئورگانىك خىمىيەلىك بىرىكمىلەر بار. ئۇزاق مۇددەت ئۇچراشسا سەزگۈر خاراكتېرلىك كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
4. قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە سوپۇن پاراشوكى. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ناترىي كاربونات ۋە فوسفات بار بولۇپ، سەزگۈرلۈك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ.
5. ئېلېكتر ئەسۋابلىرى
كۆپىنچە ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، مەسىلەن تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ۋە توك ئارقىلىق ئىسسىيدىغان ئەدىيال دېگەندەك، بۇ ئەسۋابلاردا دائىم بروملۇق، كۆيۈشكە چىدامچان سۇيۇقلۇق بار بولىدۇ. بروم ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئادەم تېنىگە سۈمۈرۈلسە، ئاسانلىقچە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ھازىر، بروملۇق كۆيۈشكە چىدامچان سۇيۇقلۇق شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ئىشلىتىش چەكلەندى.
6. پاكىزلاش پاراشوكى. ئەينەك سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدىغان پاكىزلاش پاراشوكىدىن ئاممىياك گازى پۇرىقى كېلىدۇ. بۇ تېرىنى غىدىقلاپ ۋە چىرىتىپ، كۆز ۋە ئۆپكىنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. ئاممىياك بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇچراشسا جىگەرگە تەسىرى بار.
ئالدىنى ئېلىش لايىھەسى: ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ بىلەن بىر لىتىر سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، لاتىنى ھۆل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئەينەك سۈرتۈش كېرەك.
7. چاچ بويىقى. چاچ بويىقى باش تېرىسىدىن ئۆتۈپ، بەدەن ئىچىگە كىرەلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خېلى بۇرۇنلا 22 خىل خىمىيەلىك بۇيۇم بىلەن چاچ بوياشنى چەكلىگەن.
چېچىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۆز رېڭى بويىچە تۇرسۇن. تەبىئىيلىك ئەڭ چوڭ گۈزەللىكتۇر.
8. تەركىبىدە نىكېل بار جاۋاھىراتلار. تەركىبىدە نىكېل بار جاۋاھىرات، بېزەك بۇيۇملىرى تېرە ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش چارىسى: ئامالنىڭ بېرىچە ساپ ئالتۇن ياكى پلاتىنادىن ياسالغان بېزەكلەرنى ئېسىڭ.
9. ھاجەتخانا تازىلاش سۇيۇقلۇقى
بۇ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە نافتالىن بار. بۇ خىل زەھەرلىك ماددا تېرە، كۆز ۋە نەپەس يوللىرىنى غىدىقلايدۇ. كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈلسە، ئادەمنىڭ جىگىرى ۋە بۆرىكى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg
ئالدىنى ئېلىش چارىسى: 250 مىللىلىتىر ئاق ئاچچىقسۇنى تەرەت تۇڭىغا تۆكۈپ، ئەتىسى چوتكىلاش كېرەك.