ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
خىروئىننىڭ كۆڭۈل خۇمارى ۋە بەدەن خۇمارى
ۋاقتى : 2015-02-27 08:34:12  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ خۇمىرىنى «كۆڭۈل خۇمارى» ۋە «بەدەن خۇمارى» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھېچكىم ھېچقانداق كىتاپتا بۇنداق بۆلۈپ باقمىغان، بىز پەقەت ئەمەلىي تەجىرىبىمىزگە ئاساسلىنىپ، زەھەرنىڭ خۇمارلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈشنى لايىق تاپتۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزدا، خۇمار ئالامەتلىرى قوزغىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (ھەپتە – ئون كۈن دېگەندەك) مۇناسىۋەتلىك زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئۇچراشماي تاشلىغىلى بولىدىغان، لېكىن كۆڭۈلدىن ئۇزۇن مەزگىل، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان، زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك شەيئىيلەرنى كۆرسە ياكى ئاڭلىسا، دەرھال خۇمار تۇتقاندەك قىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىكنى «كۆڭۈل خۇمارى كۈچلۈك» دەپ ئاتىلىدۇق. مەسىلەن: خىروئىن.

خۇمار ئالامەتلىرى ئېغىر قوزغىلىپ، ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە (بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن) مۇناسىۋەتلىك زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئۇچراشماي تاشلىغىلى بولىدىغان، لېكىن تاشلىغاندىن كېيىن شۇ زەھەرگە كۆڭلى ئانچە تارتمايدىغان، زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك شەيئىيلەرنى، ھەتتا زەھەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىمۇ ئىستېمال قىلغۇسى كەلمەيدىغان ئالامەتلەرنى «بەدەن خۇمارى كۈچلۈك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كۆڭۈل ۋە بەدەن خۇمارلىرى بولىدۇ. پەقەت ھەر قايسى خۇمارلارنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى ئوخشىمايدۇ خالاس.

كونكىرىت بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندە خىروئىن بىلەن مېتادوننىڭ خۇمىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

خىروئىن چەككۈچى چىشىنى چىشلەپ، قىينالسىمۇ ھەپتە- ئون كۈن خىروئىن چەكمىسە، خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى يوقاپ كېتىپ، ساق ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بىر ئاي ياكى بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن خىروئىنغا كىرىشىۋالىدۇ. بۇنداق ئىش ئۇلاردا قايتا- قايتا تەكرارلىنىدۇ، لېكىن خىروئىننى ئۈزۈل- كېسىل تاشلىيالمايدۇ؛ بىر خىروئىن چەككۈچى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىپ قالسا، ھەپتە- ئون كۈن قىينىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خىروئىن خۇمىرى تۇتمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن تۈرمىدە 1-2 يىل، ھەتتا 5- 10 يىل يېتىپ، قويۇپ بېرىلگەن تۈنجى كۈنى ئويلايدىغىنى «خىروئىننى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم چېكىۋېلىپ، ئاندىن تاشلىۋېتىش» بولىدۇ. ئەپسۇس، ئۇ ئىنسان ئاشۇ بىر قېتىم چەككەنچە خىروئىنغا قايتىدىن پېتىپ قالىدۇ؛ يەنە بىر خىروئىن چەككۈچى باشقا يۇرتقا بېرىپ خىروئىن تاشلاپ كەلمەكچى بولىدۇ، ئۇ ئۆزى خىروئىن چېكىۋاتقان يۇرتتىن ئايرىلىپ، باشقا يۇرتقا بېرىپ 1-2 يىلغىچە خىروئىنغا يېقىن كەلمەيدۇ، ئاندىن «خىروئىننى پاكىز تاشلىدىمغۇ» دەپ ئويلاپ ئەسلىدىكى يۇرتىغا قايتماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ خىروئىن چەككەن يۇرتىغا كېلە- كەلمەي تۇرۇپلا، يۈرەكلىرى دۈپىلدەپ، خىياللىرى بۆلىنىپ، خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ھەتتا بۇرۇن تەڭ خىروئىن چەككەن ئاغىينىلىرىنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ قالسىمۇ خۇمار تۇتۇپ بولالماي قالىدۇ؛ دېمەك، خىروئىننىڭ بەدەن خۇمىرى يەڭگىل بولغان بىلەن، كۆڭۈل خۇمىرى ئىنتايىن ئېغىر. شۇڭا 10 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان زەھەر چەككۈچىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي خىروئىنغا قايتا كىرىشۋالىدۇ، ھەتتا ئۇزۇن يىل خىروئىننى تاشلىۋەتكەنلەرنىڭمۇ قايتىدىن چېكىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا خىروئىننىڭ كۆڭۈل خۇمارى ئۇنىڭ بەدەن خۇمارىغا قارىغاندا كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ.

خىروئىن قاتارلىق باشقا زەھەردىن قول ئۈزۈپ، ئۇزۇن مەزگىل مېتادون ئىچىۋاتقان زەھەر چەككۈچىلەر مەلۇم سەۋەب بىلەن تۇيۇقسىز تۈرمىگە كىرىپ قالسا، دەسلەپتە بەك قىينىلىپ كېتىدۇ، قىينىلىش دەرىجىسى ئۆزى ئىچىۋاتقان مېتادوننىڭ مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، دورا مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، قىينىلىشمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، بىرەر ئايغىچە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي قىينىلىپ ئۆتىدۇ. ئاندىن خۇمار ئالامەتلىرى بارغانسېرى ئازلاپ، بىر قانچە ئايغىچە ساق ئادەمدەك بولۇپ كېتىدۇ. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ، يا خىروئىننى يا مېتادوننى كۆڭلى تارتمايدۇ، باشقا چېكەرمەنلەردەك «ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كەيىپ قىلىۋېلىپ، ئاندىن تاشلىۋېتىش»نى ئويلاشمايدۇ. تۈرمىدىن چىققان پېتى ھېچقانداق زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ھەپىلەشمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بەكرەك ئويلىشىشى مۇمكىن. لېكىن «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى» دېگەندەك، ئەتراپتىكى زەھەر چەكتى دوستلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشپ، زەھەرنى قايتا چېكىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. شۇڭا زەھەر تاشلاش ساھەسىدە «زەھەردىن ئاۋۋال دوستۇڭنى تاشلا» دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆز بار. زەھەر چېكىدىغان دوستلىرىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەي تۇرۇپ، زەھەر تاشلىغىلى بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك زەھەر تاشلاپ چىققانلارمۇ دوستلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن قايتىدىن خىروئىننىڭ قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ.

شۇڭا، خىروئىننىڭ كۆڭۈل خۇمىرى كۈچلۈك، مېتادوننىڭ بەدەن خۇمىرى كۈچلۈك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

ئاپتورلار: مەلىكەم ساتتار، ئىسكەندەر جېلىل، ئايشەم نىياز

قۇمۇل تارانچى مېتادون ئامبۇلاتۇرىيەسىدىن