ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
ئىنسانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان سەككىز خىل تەبىئىي ئاپەت 
ۋاقتى : 2017-08-17 15:05:53  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

سەييارىلەرنىڭ يەرشارىغا سوقۇلۇشى 1908 – يىلى دىيامېتىرى 600 مېتىر كېلىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز (كومېتا)نىڭ بىر قىسمى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ، سىبىرىيەدە پارتلىغان. ئاستورنوملار ھەر 300 ~ 100 يىلدا بىر قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. دىيامېتىرى 800 مېتىر كېلىدىغان چوڭ سەييارىلەر (25 يىلدا يەرشارىغا بىر قېتىم سوقۇلىدىكەن) گەرچە ئۇ ئىنسانلارنى يوقىتىۋېتەلمىسىمۇ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىنكەن. دىيامېتىرى 800 مېتىر كېلىدىغان چوڭ سەييارىلەر تېخىمۇ زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.
   گامما نۇرى ئالىملار يېقىندا گامما نۇرىنىڭ رادىياتسىيەسىنىڭ يىراق سامانيولىدىكى سىرتقى تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىگەن، تەخمىنەن قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ 1016 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن دەپ پەرەز قىلىشقان. يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمى بىزنى X نۇرى ۋە گامما نۇرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ، لېكىن، نۇر دەستىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىنى قىزىتقاندىن كېيىن، ئازوت ئوكسىدى (نىتروگېن ئوكسىدى) ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۇ ئوزۇن قەۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئوزۇن قەۋىتى بولمىسا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرە راكىنى پەيدا قىلىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرراق بولغاندا، دېڭىز – ئوكيانلاردىكى سۇدا لەيلىگۈچى جانلىقلار (ئۇلار ئاتموسفېرانى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ)نىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ھازىر بايقالغان گامما نۇرى بىزدىن ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئالىملارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى چەكلىك بولغاچقا، ئۇ ئۇشتۇمتۇت بىزگە يېقىنلاپ كېلەمدۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلىگە نىسبەتەن ئېنىق جاۋاب يوق.
   ۋاكۇئۇم ھادىسىسى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالەم تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە ئالەم بوشلۇقى ئېنېرگىيە بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ‹‹ساختا ھەقىقىي بوشلۇق››نىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلگەن. ئالەمنىڭ كېڭىيىشى، سوغۇققا ئۆزگىرىشى، ۋاكۇئۇم كىچىك كىلىماتىنىڭ پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا يورۇقلۇق يىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى ۋاكۇئۇم ھالەت بارلىققا كەلگەن. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر ‹‹بۇ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك ۋەقە››. ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ۋەھىمىلىكى ھازىرقى ئېنىق جەزملەشكەن قارا ئۆڭكۈر، دەپ قارىماقتا.
   قارا ئۆڭكۈر ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، سامان يولى سىستېمىسىدا 1 مىليون ئەتراپىدا قارا ئۆڭكۈر بار ئىكەن، بۇ جىسىملار باشقا ئاسمان جىسىملىرىغا ئوخشاش ئايلىنىپ تۇرىدىكەن. ئەگەر ئادەتتىكى بىر ئاسمان جىسىمى بىزگە يېقىنلاشسا، ئۇنى بايقىغىلى بولىدىكەن، لېكىن قارا ئۆڭكۈر بىزگە يېقىنلاشسا، ئۇنى بايقىغىلى بولمايدىكەن. نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا، بىر ئاسمان جىسىمى يەر شارىغا سوقۇلغان ۋاقتىدا، ئالىملار ئۇنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ۋە ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئۆلچەپ چىقالىغان. قارا ئۆڭكۈرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەرشارىغا سوقۇلمىسىمۇ ھەم يەرشارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىسىمۇ، لېكىن قۇياش سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت ئوربېتىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
   قۇياش بورىنى 2001 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، قۇياش ھەر 10 – 11 يىلدا بىر قېتىم ماگنىت كۈچى مەيدانىغا كىرىپ، دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان، بۇ ۋاقىتتا، مىكرو دانچە ۋە رادىياتسىيە ھەر سائەتتە 1 مىليون كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن يەرشارىغا يېقىنلاپ كەلگەن، ئەمما ئالىملار بۇنىڭ يەرشارىغا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنى مۆلچەرلىيەلمىگەن.
   يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ھەرىكىتى ھەر 100 مىڭ يىلدا بىر قېتىم جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپتا يەر شارى ماگنىت مەيدانى ھەرىكىتى قايتا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمدىكىسى 780 مىڭ يىل ئىلگىرى كۆرۈلگەن ئىكەن. يەنە شۇنداق ھادىسە كۆرۈلسە، ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىكەن.
   كەلكۈن ھازىر دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كەلكۈن، تاشقىن ئىنسانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەر ئىنسانلار دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ باكتېرىيە بىلەن ئىنسانلار بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدى. ھازىر بۇنداق تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلماقتا. بۇنىڭ تىپىك مىسالى، تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ، 1918 – يىلىدىن – 1919 يىلىغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشى قازا قىلغانىدى، ھازىر ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ئەيدىز، قۇش زۇكىمى ۋە باشقىلار ئىنسانلارغا تەھدىت ئىكەن.