ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
گرافىتتىن سۈنئىي مۇسكۇل ياسىغىلى بولۇشى مۇمكىن
ۋاقتى : 2017-08-16 12:31:06  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى نۆۋەتتە گرافىتنىڭ ئەزەلدىن مەلۇم بولمىغان ئىقتىدارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق پەردىدىن پايدىلىنىپ گرافىتنى قاتلاملارغا بۆلۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ئېلاستىكلىكقا ئىگە بىرخىل يېڭى ‹‹يۇمشاق›› ماتېرىيالنى ياساپ چىقتى، بۇ ماتېرىيال كەلگۈسىدە ئېھتىمال سۈنئىي مۇسكۇل ياساشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندا سۈنئىي مۇسكۇللار بەلگىلىك كۆلەمدە يېيىلىدىكەن، توك مەنبەسى ئۈزۈلگەن چاغدا ئەسلىدىكى بوش ھالىتىگە قايتىدىكەن. توك بېسىمىنى تەڭشەش ئارقىلىق سۈنئىي مۇسكۇللارنىڭ يېيىلىش دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى، ھەتتا يېيىلىش دەرىجىسىنى %100 تىن ئاشۇرىۋەتكىلى بولىدىكەن.