ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدىغان يان تېلېفون
ۋاقتى : 2017-08-15 12:06:51  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۇنيا بويىچە تۇنجى يان تېلېفون تورى سۇپىسى ئاساس قىلىنغان پىسخولوگىيەلىك داۋالاش يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىققان. يان تېلېفون ئارقىلىق ئاپپاراتتىن ئۇخلاش، يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى، روھىي كەيپىيات قاتارلىقلاردىن مەسلىھەت سورالسا، ئاپپارات خامۇشلۇق دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىدىكەن. يان تېلېفوننىڭ پىسخولوگىيەلىك داۋالاش يۇمشاق دېتالى يەنە ئاپپاراتقا ‹‹خامۇشلۇقنى تۈگىتىش لايىھەسى››نى يەتكۈزۈپ بېرىپ، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش، جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتنى ئازادە تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ياردىمى بىلەن پاسسىپ قاراشنى ئۆزگەرتىپ، پىسخولوگىيەلىك يۈكنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويىدىكەن. خامۇشلۇق كېسىلى ‹‹پىسخولوگىيەلىك زۇكام›› دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغانلار باشقا ھەرقانداق كېسەل بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىكەن.